Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 57:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 سىلەر نۇرغۇن ئەتىر ۋە زەيتۇن مېيىنى ئېلىپ، مولەك ئىلاھىنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردىڭلار، سىلەر: ‹باشقا ئىلاھلارنى تاپايلى› دەپ، يىراقلارغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتىڭلار، مۇمكىن بولسا ئۇلار ھەتتا باقىي دۇنياغىمۇ باراتتى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 57:9
12 Referans Kwoze  

ئوھولىبا ئۇ رەسىملەرنى بىر كۆرۈپلا، ئۇلارغا ئاشىق بولۇپ قالدى ۋە بابىلغا ئەلچى ئەۋەتتى.


ساختا كەمتەرلىك قىلىشقا ۋە پەرىشتىلەرگە چوقۇنۇشقا بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئىشلاردا ئەيىبلەشلىرىگە پەرۋا قىلماڭلار. ئۇلار ساختا، غايىبانە ئالامەتلەرگە ئېسىلىشىۋېلىپ، ھەر خىل خام خىياللاردا بولۇپ، ئاساسسىز تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ.


ئىسرائىلىيە خەلقى شامالنى ئوزۇق قىلار، كۈن بويى شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرەر. ئۇلارنىڭ يالغانچىلىق ۋە زوراۋانلىقى كۆپەيمەكتە. ئۇلار ئاسسۇر بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ، مىسىرغا زەيتۇن يېغى ئەۋەتىدۇ.


ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى پاختەكتەك ئەقىلسىز ۋە دۆتتۇر. ئۇلار بىر دەم مىسىردىن ياردەم سورىسا، بىر دەم ئاسسۇرلارغا ئۇچىدۇ.


ئۇلار ھەتتا يىراقتىكى ئەرلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلار كەلگۈچە بويىنى سۇغا سېلىپ، كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرتۈپ، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ،


پاھىشىلەر پاھىشىلىك قىلسا، ھەق ئالىدۇ، لېكىن سەن ئەكسىچە ھەممە ئاشنىلىرىڭغا سوۋغات بېرىسەن. سەن ئاشنىلىرىڭنىڭ ھەممە يەردىن كېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىشى ئۈچۈن پارا بېرىسەن.


ئىنسان شۇ بۇتلار ئالدىدا ئۆزىنى پەس قىلىپ كەمسىتىدۇ، ئۇلارنى كەچۈرمىگەيسەن.


ئورۇن-كۆرپىلىرىمگە مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە دارچىنلار چاچتىم.


پادىشاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى «ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغمەن» دەپ ماختايدۇ. ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگارغا قارشى سۆزلەپ، كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى كەلگۈچە داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ. خۇدا ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزگەرتمەي، چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite