Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 57:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 سىلەر ئېگىز تاغدا بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئۇ يەردە بۇتلىرىڭلارغا قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 57:7
12 Referans Kwoze  

ئېسىل تۆشىكىدە ئولتۇرۇپ تۇردى. تۆشىكىنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلگە ماڭا مەنسۇپ بولغان پۇراقلىق ئىسرىق ۋە زەيتۇن يېغىنى تىزدى.


سەن كىيىمىڭ بىلەن بۇتخانىنى چىرايلىق بېزەپ، ئۇ يەردە بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ. بۇنداق ئىش يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى!


ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ھۆكۈمرانلىقىمدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. سىلەر: ‹ساڭا ئېتىقاد قىلمايمىز› دېدىڭلار. سىلەر ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا خۇددى پاھىشە ئايالغا ئوخشاش ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇتلارغا سەجدە قىلدىڭلار.


ھەربىر كوچىنىڭ ئىككى بېشىغا ئېگىز بۇتخانىلارنى سالدۇرۇپ، ئۆزۈڭنىڭ گۈزەللىكىنى دەپسەندە قىلدىڭ. سەن يولدىن ئۆتكەن ھەرقانداق كىشىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈڭنى ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ.


يەھۇدىيە پادىشاھى يوشىيا دەۋرىدە پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىلىيەنىڭ قانچىلىك ساداقەتسىزلىكىنى كۆردۈڭمۇ؟ خۇددى ساداقەتسىز ئايالغا ئوخشاش، ئۇلار ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا بۇت ئىلاھلارغا چوقۇندى.


ئەتراپىڭلاردىكى تاقىر تاغلارغا قاراپ بېقىڭلار، ئۇ يەرلەردە بۇتلارغا چوقۇنۇپ، پاھىشىۋازلىق قىلمىغان جاي قالدىمۇ؟ سىلەر يول بويىدا خېرىدار كۈتۈۋاتقان پاھىشىلەرگە ئوخشاش ئولتۇرىسىلەر. سىلەر خۇددى چۆلدە ئولجا كۈتۈپ، يوشۇرۇنۇپ تۇرغان قاراقچىلارغا ئوخشايسىلەر. سىلەرنىڭ يات ئىلاھلار بىلەن قىلغان پاھىشىۋازلىقىڭلار بۇ زېمىننى بۇلغىدى.


كېيىن بابىللىقلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىشق تۆشىكىدە ئىشقىۋازلىق قىلىپ، ئۇنى بۇلغىدى. ئوھولىبا بۇلغانغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى بابىللىقلاردىن يىرگىنىپ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇياققا كېلىڭلار ئەي جادۇگەرنىڭ بالىلىرى، زىناخور ۋە پاھىشەنىڭ ئەۋلادلىرى.


ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار تاغلاردا يالغان ئىلاھلارغا كۈجە كۆيدۈرۈپ، تۆپىلىكلەردە ماڭا ھاقارەت قىلدى. مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن.»


يەنە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈڭگە سۇپا ياسىدىڭ، ھەرقايسى مەيدانلارغا ئېگىز بۇتخانىلارنى سالدۇردۇڭ.


ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرى ئەتراپىدا، ئېگىزلىكلەردە، تاغ چوققىلىرىدا، ھەربىر بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ۋە پىستە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا، شۇنداقلا بۇتلىرىغا خۇش پۇراقلىق قۇربانلىقلار سۇنغان ھەر يەردە قالىدۇ. شۇ چاغدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite