يەشايا 57:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 سىلەر دۇپ دەرەخلىرى ئارىسىدا، ئارچىلار ئاستىدا بۇزۇقچىلىقىڭلار بىلەن يالغان ئىلاھىڭلارغا چوقۇنىسىلەر، تاغ جىلغىلىرىدا، قىيا تاشلار ئاستىدا ئۆز بالىلىرىڭلارنى قۇربانلىق قىلىسىلەر. Gade chapit la |
سىلەرنىڭ بۈگۈنگە قەدەر بۇتلارغا ھەدىيەلەرنى سۇنۇپ، بالىلىرىڭلارنى بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈپ كەلگىنىڭلار ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغانلىق ئەمەسمۇ؟! ئەي ئىسرائىل خەلقى، شۇنداق ئىكەن، مەن سىلەرگە مەسلىھەت بېرەرمەنمۇ؟ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ مەندىن مەسلىھەت سورىشىڭلارغا قەتئىي يول قويمايمەن.
ئۇلار ئىلاھ بائالغا ئاتاپ بەنھىننوم جىلغىسىدا سەجدىگاھلارنى سالدى. بۇ جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى بۇت ئىلاھ مولەككە قۇربانلىق قىلدى. مەن ئۇلارغا بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىشنى ئەمر قىلمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان! مەن ئۇلارنى ھەرگىزمۇ گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرمايمەن.