Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 57:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 لېكىن، رەزىللەر خۇددى چايقىلىۋاتقان دېڭىزدەك تىنچىمايدۇ. تىنچىماي چايقىلىۋاتقان سۇلاردىن پاسكىنا نەرسىلەر ۋە لاتقىلار ئېتىلىپ چىقىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 57:20
13 Referans Kwoze  

رەزىللەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈپ، قىلغان يامانلىقلىرى ئۆزىگە يانىدۇ.


دوستانە زىياپەتلىرىڭلاردا تارتىنماي، سىلەر بىلەن رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغان بۇ كىشىلەر سىلەرگە داغ كەلتۈرىدۇ. ئۇلار ئۆز نەپسىنىلا ئويلاپ، شامال ھەيدىگەن يامغۇرسىز بۇلۇتلاردەك بولۇپ، پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان كەچ كۈزنىڭ مېۋىسىز دەرەخلىرىگە ئوخشايدۇ.


خۇددى دېڭىزنىڭ دەھشەتلىك دولقۇنلىرى مەينەتچىلىكنى قىرغاققا ئۇرۇپ چىقارغاندەك، ئۇلار ئۆز بۇزۇقچىلىقىنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىدۇ. ئۇلار خۇددى ئېقىپ چۈشكەن يۇلتۇزلارغا ئوخشاش بولۇپ، مەڭگۈلۈك ھازىرلاپ قويۇلغان قاپقاراڭغۇلۇققا يۈزلىنىدۇ.


يۈزلىرىدىكى ئىپادىلەر ئۇلارنىڭ ئۆز رەزىللىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، خۇددى رەزىل سودوملۇقلاردەك ئۆز گۇناھلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز گۇناھلىرىدىن نومۇس قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار ئۆز بېشىغا ئۆزى ئىش تاپتى.


ئۇلار تىنچلىق يولىنى بىلمەيدۇ، قىلغان ئىشلىرى ئادالەتسىزلىكتۇر. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەگرى يول ياسايدۇ، بۇ يولدا ماڭغانلارنىڭ ھەممىسى تىنچلىقنى بىلمەيدۇ.


بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەمەشق توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر: «خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرى شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقتىن چۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆرلىگەن دېڭىز دولقۇنلىرىدەك تىنچلىنالمايدۇ، قورقۇنچقا تولىدۇ.


بۇ ئەھۋال ئاررام پادىشاھىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. ئۇ ئادەملىرىنى چاقىرىپ: _ قېنى ئېيتىڭلارچۇ، ئارىمىزدا قايسىمىز ئىسرائىلىيە پادىشاھى تەرەپدارى؟ _ دېدى.


پەرۋەردىگار: «رەزىل ئادەملەرگە ئامانلىق يوقتۇر» دەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite