18 مەن ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن، لېكىن مەن ئۇلارنى ساقايتىپ، ئۇلارغا يول كۆرسىتىمەن، ھازا تۇتقان كىشىلەرگە تەسەللى بېرىمەن.
لېكىن بۇ شەھەرگە شىپالىق ۋە ساغلاملىق بېرىدىغان بىر ۋاقتىم كېلىدۇ. مەن خەلقىمنى داۋالايمەن ۋە ئۇلارغا زور تىنچلىق ۋە ئامانلىق ئاتا قىلىمەن.
چۈنكى، ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. خۇدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى پۈتۈن ياشلارنى سۈرتىدۇ، - دېدى.
ئەي ساداقەتسىز ئىسرائىل خەلقىم، مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار. مەن سىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىڭلارنى ساقايتىشنى خالايمەن. سىلەرنىڭ مۇنداق دېيىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن: ‹مانا، بىز يېنىڭغا كەلدۇق، چۈنكى سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدادۇرسەن.
ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى، مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئايان بولۇپ، ئۇلارغا: ‹مەن سىلەرنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم بىلەن سۆيىمەن، سىلەرنى مېھىر-شەپقىتىم بىلەن ماڭا يېقىنلاشتۇرىمەن› دېگەنىدىم.
ئەگەر سىلەر يەنىلا سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنىڭ بۇ مەغرۇرلۇقۇڭلار ئۈچۈن، پەقەت مەنلا يالغۇز قايغۇرۇپ يىغلايمەن. قاتتىق يىغلايمەن، كۆزلىرىم ئازاب ياشلىرىغا تولىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ.»
ئەڭ ئۇلۇغ، يۈكسەك، مەڭگۈ مەۋجۇت، نامى مۇقەددەس بولغۇچى مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىمەن، ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن، كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن، توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن.
ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى تارتمايدۇ، قۇياشنىڭ ھارارىتى ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ ئازابلىمايدۇ. مەن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭىمەن، ئۇلارنى بۇلاقلارغا باشلاپ بارىمەن.
پەرۋەردىگار ئۆزى جاراھەتلەندۈرگەن خەلقىنىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ، ئۇلارنىڭ يارىلىرىغا شىپالىق بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاي نۇرى خۇددى قۇياشتەك پارلايدۇ. قۇياشمۇ خۇددى يەتتە كۈنلۈك قۇياش نۇرى قوشۇلغاندەك، يەتتە ھەسسە يورۇقلۇق بېرىدۇ.
شۇ چاغدا يېرۇسالېم خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «شۈكۈر ئېيتىمەن ساڭا پەرۋەردىگار، گەرچە سەن ماڭا غەزەپلەنگەن بولساڭمۇ، يېنىپ ھازىر سەن غەزىپىڭدىن، بەردىڭ ماڭا تەسەللى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، بىرلىكتە باش قوشۇپ، بۇنى ھەل قىلايلى. گەرچە گۇناھلىرىڭلار قىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئۇلار قاردەك ئاق بولىدۇ. ئۇلار ھەتتا قىپقىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئاقارتىلغان قوي يۇڭىدەك ئاپئاق بولىدۇ.
ھايات بولسىلا ئۈمىد بولىدۇ، تىرىك ئىت ھامان ئۆلۈك شىردىن ياخشىدۇر.
ھېس قىلدۇرغايسەن يېڭىباشتىن نىجاتلىقنىڭ شادلىقىنى، ئاتا قىلغايسەن ماڭا بىر ئىتائەتمەن قەلبنى.
يايلىتار ئۇ مېنى ياپيېشىل يايلاقلاردا، باشلاپ بارار شىلدىرلىغان سۇلار بويىغا.
تەۋرات قانۇنىنىڭ بېرىلىشى كىشىلەرگە ئۆز گۇناھىنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ئوچۇق كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. لېكىن، قەيەردە گۇناھ كۆپ بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ شۇ يەردە ھەسسىلەپ ئاشتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بېرىپتۇ. ئاتىسى ئوغلىنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتىپتۇ.
غەم-قايغۇ، ئەندىشىدە قالغىنىمدا، شادلاندۇرىسەن تەسەللى بېرىپ ماڭا.
پەرۋەردىگار مىسىرغا زەربە بېرىدۇ ۋە ئاندىن ئۇنىڭغا شىپالىق بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا شىپالىق بېرىدۇ.
سىلەر ئۇ يەردىن ئالدىرىماي چىقساڭلارمۇ بولىدۇ، قېچىپ چىقىش تېخىمۇ ھاجەتسىز. چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭماقتا، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرنىڭ ئارقا تېرىكىڭلاردۇر.
لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز سەۋەبىدىن ئېزىلدى. ئۇنىڭ جازالىنىشى بىلەن بىز تىنچلىققا ئېرىشتۇق، ئۇنىڭ يارىلانغان تېنى بەدىلىگە بىز شىپالىق تاپتۇق.
ھەر دائىم مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە يول كۆرسىتىمەن، قاقاس يەرلەردىمۇ ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرىمەن ھەم ئۇستىخىنىڭلارنى مەزمۇت قىلىمەن. سىلەر خۇددى سۇغۇرۇلغان بىر باغ، ھەم سۈيى تۈگىمەس بىر بۇلاقتەك بولىسىلەر.
شۇندا پەرۋەردىگار مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىگە مېھىرلىك سۆزلەر بىلەن تەسەللى بەردى.
پەرۋەردىگار سىلەرگە رەھىمدىللىك قىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇ سىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا دائىم تەييار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتلىك خۇدادۇر. ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار بەختلىك بولىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن، پەقەت ۋە پەقەت مەنلا سىلەرگە تەسەللى بېرەلەيمەن. سىلەر كىمدىن قورقىسىلەر؟ ئۆلىدىغان ئادەمدىنمۇ؟ خۇددى ئوت-چۆپكە ئوخشاش سولىشىپ خازان بولىدىغان ئىنساندىنمۇ؟
گەرچە باشقىلار سىلەرنى ‹تاشلىۋېتىلگەن خەلق› دەپ ئاتاپ، ‹سىئون بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق› دېيىشسىمۇ، لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى: مەن يارىلىرىڭلارنى ساقايتىپ، ساغلاملىقىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.»