يەشايا 56:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 ئوردامدا، ئۆز ھويلامدا نام-ئاتاق، ئابىدە ئاتا قىلىمەن. بۇ، ئوغۇل-قىزلىرى بولغاندىنمۇ ئەۋزەلدۇر. مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان نام مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئۇ ئۈزۈۋېتىلمەيدۇ. Gade chapit la |
قاراڭلار، ئەرشتىكى ئاتىمىز بىزگە نەقەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن-ھە! ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى شۇنچىلىك چوڭقۇركى، ئۇ بىزنى «پەرزەنتلىرىم» دەپ ئاتىدى. ھەقىقەتەنمۇ بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىمىز. بىراق، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار ئەرشتىكى ئاتىمىزنى تونۇمىغانلىقتىن، بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزنىمۇ تونۇپ يېتەلمەيدۇ.
ئۇلار قېرىندىشىڭلارنى ماڭا ھەدىيە سۈپىتىدە ئۇ يەرلەردىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. خۇددى ئىسرائىلىيەلىكلەر پاكىز قاچىلاردا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئاشلىق ھەدىيەسى ئېلىپ كەلگەندەك، ئۇلار ئات مىنىپ، بەزىلىرى ھارۋىغا ئولتۇرۇپ، بەزىلىرى لەمپىلىك ھارۋىلارغا چىقىپ، بەزىلىرى قېچىرغا مىنىپ، بەزىلىرى تۆگىگە مىنىپ مېنىڭ مۇقەددەس تېغىم يېرۇسالېمغا ماڭا ھەدىيە بولۇپ كېلىدۇ.