3 ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغان يات خەلقلەر: ‹پەرۋەردىگار مېنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىۋېتىدۇ› دېمىسۇن. ئاختا قىلىنغان ئەرلەرمۇ ئۆزىنى: ‹مەن قاقشال دەرەخ› دەپ يۈرمىسۇن.»
ۋەھالەنكى، رەببىمىز بىلەن بىرلەشكەن كىشى بولسا ئۇنىڭ بىلەن روھىي جەھەتتە بىر بولىدۇ.
ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بىز يەھۇدىي ئېتىقادچىلار بىلەن بىرلىكتە خۇدا ئۆز روھى ئارقىلىق تۇرىدىغان ئىبادەتخانا قىلىپ سېلىنىۋاتىسىلەر.
خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن خۇددى روھانىيلاردەك ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولدۇم. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاكلىنىپ، خۇددى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك، خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈندۇر.
يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلەر قايىل بولۇپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا ئەگىشىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان نۇرغۇن گرېك ئەر ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكى گرېك ئاياللارمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەندى.
پېترۇس سۆزىنى باشلاپ مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ ھەرقانداق ئادەمنى، مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەڭ كۆرىدىغانلىقىنى، ئىخلاسمەن ۋە توغرا ئىش قىلىدىغان كىشى بولسىلا، خۇدانىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشەندىم.
پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ ۋە دۇنيادىكى ساختا ئىلاھلارنى يوقىتىدۇ. ئاندىن دۇنيادىكى ھەربىر خەلق ئۆز تۇپرىقىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ.
ئۇلار سىئون تېغىغا بارىدىغان يولنى سوراپ، شۇ يەرگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مەن بىلەن مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان بىر ئەھدە تۈزىدۇ.
ئوردامدا، ئۆز ھويلامدا نام-ئاتاق، ئابىدە ئاتا قىلىمەن. بۇ، ئوغۇل-قىزلىرى بولغاندىنمۇ ئەۋزەلدۇر. مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان نام مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئۇ ئۈزۈۋېتىلمەيدۇ.
ئۆز ئەۋلادلىرىڭدىنمۇ بەزىلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇلار بابىلغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئاختا قىلىنىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ خىزمىتىگە سېلىنىدۇ.»
پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئىسرائىللارنى قايتىدىن يەنە ئۆزىنىڭ خەلقى قىلىپ تاللايدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا باشقا خەلقلەر كېلىپ ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەسئۇل بولىسىلەر. بۇ سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار. چۈنكى مەن روھانىيلىق خىزمىتىنى سىلەرگە ھەدىيە قىلدىم. باشقىلار مۇقەددەس جايغا يېقىن بارسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار.
ئۇلار ساڭا ياردەملىشىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا قاراشقا، چېدىرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولسۇن. لاۋىيلاردىن باشقىلارنىڭ سىلەرگە يېقىنلىشىشىغا بولمايدۇ.
ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولغان مەنكى پېترۇستىن پونتۇس، گالاتىيا، كاپادوكىيا، ئاسىيا ۋە بىتىنىيە ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ھەمدە بۇ دۇنياغا مۇساپىر بولغان، خۇدانىڭ تاللىغان بەندىلىرىگە سالام.
بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇلاردىن ئايرىلىپ، تىتىيۇس يۇستۇس ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇردى. ئۇ يەھۇدىي بولمىسىمۇ، يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى ئىبادەتخانىنىڭ يېنىدا ئىدى.
ئۇ چاغلاردا، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ ئەمەس ئىدىڭلار، شۇنداقلا خۇدانىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللار قاتارىدىمۇ ئەمەس ئىدىڭلار، خۇدا ئۆز خەلقىگە ۋەدە قىلغان ئەھدىنىڭ سىرتىدا تۇراتتىڭلار ھەمدە خۇدانى تونۇماي، ئۈمىدسىز ياشايتتىڭلار.
دوك، پارپا، كۆزى ئەيىبلىك، قوتۇر ياكى قىچىشقاق بولسۇن، ياكى ئۇرۇقدېنى ئېزىلىپ كەتكەن بولسۇن، ھېچقايسىسى ماڭا ھەدىيە سۇنمىسۇن.
ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللاردىن بولمىغان يات خەلقلەرمۇ ئۇلۇغ نامىڭنى ۋە ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇڭ ياراتقان مۆجىزىلەرنى بىلىپ، يىراق يۇرتلاردىن بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ دۇئا قىلسا،
يات خەلقلەردىن بولسىمۇ، ئۆزىنى ماڭا بېغىشلىغان، ماڭا خىزمەت قىلىدىغان ۋە مېنى سۆيىدىغانلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولىدۇ. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلمىسا، ئەھدەمگە ئەمەل قىلسا،
سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەردىن ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىڭلاردا تۇغۇلغانلىرىدىن سېتىۋېلىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ مۈلكى قىلساڭلار بولىدۇ.
_ سىلەر لەشكەر باشلاپ، ئۇرۇشقا چىققان ۋاقتىڭلاردا، ھەرقانداق ناپاك ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.
ئۆزلىرى، ئەۋلادلىرى ۋە يەھۇدىي دىنىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئەنئەنە بەلگىلەپ، ھەر يىلى بۇ ئىككى كۈننى خاتىرىلەشنى قارار قىلدى.