Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 56:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 بۇ بۇيرۇقلىرىمنى ئادا قىلىپ، ماڭا بويسۇنىدىغانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە، دەم ئېلىش كۈنىنى بۇلغىماي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، رەزىل ئىشلاردىن قولىنى تارتقانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!

Gade chapit la Kopi




يەشايا 56:2
31 Referans Kwoze  

سىلەر دەم ئېلىش كۈنىنى ئاياغ ئاستى قىلماڭلار، مېنىڭ مۇقەددەس كۈنۈمدە ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار. دەم ئېلىش كۈنىنى، ‹بىر خۇشاللىق كۈن› دەپ بىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس كۈنىنى قەدىرلىشىڭلار كېرەك. ئۆزۈڭلار خالىغانچە ئىش قىلماڭلار، ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار قۇرۇق پاراڭ سالماڭلار، بۇ كۈننى ھۆرمەتلىشىڭلار كېرەك.


مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى پاك بىر خەلق قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئارىمىزدىكى ئەھدىمىزنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئۇلارغا دەم ئېلىش كۈنىنى بەردىم.


پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! نەقەدەر بەختلىكتۇر پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنۇشتىن سۆيۈنىدىغانلار.


- خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدىنمۇ بەختلىك! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنى ئارىمىزدىكى بىر بەلگىدۇر، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر› دېدىم.


يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتالغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈنى مەيلى سىلەر بولۇڭلار، مەيلى پەرزەنتلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر بولسۇن، ھېچكىم ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن.


بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، سىلەرمۇ شۇنداق قىلساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!


نەقەدەر بەختلىك-ھە، ئادالەتلىك ئىش قىلغانلار، ھەر دائىم ھەققانىيەت يولىنى تۇتقانلار.


توغرا ئادەمنىڭ داغدام يولى يامانلىقتىن يىراقتۇر، يولىغا ئېھتىيات قىلىشنىڭ ئۆزى جېنىنى ساقلاپ قېلىشتۇر.


ئۆزگەرمەس مۇھەببەت بىلەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنار، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەملەرنى يامانلىقتىن خالىي قىلار.


دانا ئېھتىياتچان بولۇپ، يامانلىقتىن نېرى تۇرار، ئەقىلسىز بەڭباش بولۇپ، بىپەرۋالىق قىلار.


ئوڭ، سولغا چەتلىمەي، ئالغا باسقىن، يىراق تۇت پۇتلىرىڭنى يامانلىقتىن.


ئالغان تەربىيىنى چىڭ تۇت، ئايرىلما، ئوبدان ساقلا ئۇنى، ئۇ سېنىڭ ھاياتىڭدۇر چۈنكى.


ئەلا بىلىپ كالامىڭغا ئەگىشىشنى، رەت قىلىپ كەلدىم ھەممە رەزىللىكنى.


دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار ۋە ئىبادەت جايىمغا ھۆرمەت قىلىڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار.


ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغانلار نەقەدەر بەختلىك!


خوجايىن سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپ، چاكىرىنىڭ شۇنچىلىك ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقىنىنى كۆرسە، بۇ چاكارنىڭ بەختى!


يات خەلقلەردىن بولسىمۇ، ئۆزىنى ماڭا بېغىشلىغان، ماڭا خىزمەت قىلىدىغان ۋە مېنى سۆيىدىغانلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولىدۇ. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلمىسا، ئەھدەمگە ئەمەل قىلسا،


نەقەدەر بەختلىكتۇر پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار، نەقەدەر بەختلىكتۇر ئۇنىڭ يولىدا ماڭغانلار.


ياخشىلىق قىلغىن، تاشلا يامانلىقنى، ماكان قىلىسەن مەڭگۈگە خۇدا بەرگەن زېمىننى.


يامانلىقتىن باش تارتىپ، قىلسۇن ياخشىلىق، ئىزدىسۇن تىنچ-ئامانلىق.


شۇنىڭ بىلەن مەن يەھۇدىيلارنىڭ جامائەت ئەربابلىرىنى ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدىم: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن بۇنداق رەزىل ئىش قىلىپ، دەم ئېلىش كۈنىگە ھاقارەت قىلىسىلەر؟


مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن. يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار، ياخشى ئىشلاردا چىڭ تۇرۇڭلار.


چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىدىغان، مېنى خۇرسەن قىلىشنى تاللايدىغان، ئەھدەمگە ئەمەل قىلىدىغان ئاختا قىلىنغان ئەرلەرگە،


بۇ نەسىھەتلەرنىڭ بىرىگە ئەمەل قىلىپ، يەنە بىرىگە سەل قارىما، چۈنكى خۇدادىن ئەيمىنىدىغانلار ھەر ئىككىلىسىگە ئەمەل قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite