10 ئىسرائىللارنىڭ قاراۋۇللىرى قارىغۇدۇر، ھەممىسى بىلىمسىزدۇر. ئۇلار قاۋاشنى بىلمەيدىغان گاچا ئىتلاردۇر، يېتىۋېلىپ چۈش كۆرىدۇ، ئۇلار ئۇيقۇنى ياخشى كۆرىدۇ.
قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن چوقۇم خەتنە قىلىنىش كېرەك، دەپ يۈرىدىغان «تەن كەسكۈچىلەر»~دىن ھوشيار بولۇڭلار. بۇ يامانلىق قىلغۇچىلار ئىتتىن پەرقى يوق!
پەرۋەردىگار سىلەرگە قاتتىق ئۇيقۇ بەردى. پەيغەمبەرلىرىڭلارنىڭ كۆزلىرى يۇمدۇرۇلۇپ قويۇلغان. غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ بېشى چۈمكەپ قويۇلغان.
ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار قارىغۇلارغا يول باشلايدىغان قارىغۇلاردۇر. ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
ئەي ئاسسۇر پادىشاھى، سېنىڭ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ كۆزى يۇمۇلدى، سېنىڭ ئېسىلزادىلىرىڭ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى! سېنىڭ خەلقىڭ تاغلارغا چېچىلىپ كەتتى. ئۇلارنى يىغىدىغان بىرمۇ كىشى قالمىدى.
لېكىن كۆزەتچى دۈشمەننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، بۇرغا چېلىپ خەلقنى ئاگاھلاندۇرماي، خەلقنىڭ دۈشمەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەبچى بولسا، گەرچە ئۆلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتچىدىن ئۇلارنىڭ قان قەرزىنى سۈرۈشتە قىلىمەن.»
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «يۇقىرى ئاۋازدا سۈرەن سال، توختاپ قالما، ئاۋازىڭ ياڭراق بولسۇن، خۇددى بۇرغا چالغاندەك، خەلقىمگە ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى كۆرسەت. ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى بايان قىل.
خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەيران بولىدۇ. ئەي روھانىيلار، سىلەر مېنى تونۇشنى رەت قىلدىڭلار. مەنمۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ روھانىيلىرىم بولۇشۇڭلارنى رەت قىلىمەن. سىلەر مېنىڭ قانۇنلىرىمنى ئۇنتۇدۇڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى ئۇنتۇيمەن.
يېرۇسالېم ھەققىدە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈپ، يېرۇسالېم خەتەرلىك ئەھۋالدىمۇ، ئۇنى بىخەتەر دېگەنلەر دەل ئىسرائىللارنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىدۇر› دەيمەن.»
قۇلاق سېلىڭلار، قاراۋۇللىرىڭلار ۋارقىرىماقتا، بىردەك ئالقىش ياڭراتماقتا. چۈنكى ئۇلار ئۆز كۆزلىرى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ سىئونغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرىدۇ.
چۆچۈپ كېتىڭلار، ھاڭ-تاڭ بولۇپ قېلىڭلار! ئەمالاردەك يۈرۈۋېرىڭلار! سىلەر مەست، بىراق شارابتىن ئەمەس. سىلەر دەلدەڭىشىپ ماڭىسىلەر، ئەمما بۇ شاراب ئىچكىنىڭلاردىن ئەمەس.
خۇددى كور ئادەمدەك يۈرۈپ كوچىلاردا ئۇلار، پۈتۈن تېنىنى بۇلغىدى قاندا، ھېچكىم جۈرئەت قىلالماس تېگىپ كېتىشكە ئۇلارغا.
لېكىن پادىشاھ يوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 23-يىلىغا كەلگەندىمۇ، روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى تېخىچە ئوڭشاتمىغانىدى.