4 بەرھەق، مەن داۋۇتنى ئەللەرنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمران ۋە يېتەكچى سەردار قىلىپ، ئۇ ئارقىلىق كۈچ-قۇدرىتىمنى نۇرغۇن ئەللەرگە نامايان قىلدىم.
سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي. ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى،
شۇنى بىلىپ قويغىنكى، يېرۇسالېمنى قايتا قۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلگەندىن باشلاپ، تاكى خۇدا تاللىغان پادىشاھ دۇنياغا كەلگۈچە، يەتتە كەررە يەتتىگە قوشۇلغان 62 كەررە يەتتە مەزگىل ئۆتىدۇ. گەرچە ئۇ كۈنلەر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتسىمۇ، ئەمما يېرۇسالېم شەھىرى كوچا ۋە خەندەكلىرى بىلەن قايتا قۇرۇلىدۇ.
پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزى ئۈچۈن ۋە ئۆزى ئارقىلىق ياراتقان خۇدا نۇرغۇن پەرزەنتلەرنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارغۇچى ئەيسا مەسىھنى ئازاب-ئوقۇبەت ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشنى مۇۋاپىق كۆردى.
- دېمەك سەن بىر پادىشاھ، شۇنداقمۇ؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس. - ئېيتقىنىڭىزدەك، مەن پادىشاھ، مەن ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدىم، ھەقىقەتتە تۇرىدىغان كىشىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە خەلقى نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىغا يۈزلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇلار ئىخلاسمەنلىك بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىپ، شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.
ئۇلار مەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلىدۇ، شۇنداقلا مەن داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن تەيىنلىگەن پادىشاھقا خىزمەت قىلىدۇ.
خەلق بىلەن قارشىلىششتىن مۇستەسنا قىلدىڭ مېنى. باش قىلغانىدىڭ مېنى يات ئەللەرگە، قىلماقتا ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى.
دەيدۇ ئۇ: «ئۆز مۇقەددەس تېغىمدا _ تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم پادىشاھىمنى سىئوندا.»
- لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«ئامىن ئاتالغۇچى، يەنى سادىق ۋە ئىشەنچلىك گۇۋاھچى، خۇدا ياراتقان مەۋجۇداتلارنىڭ مەنبەسى مۇنداق دەيدۇ:
ئۇ مانا مۇشۇنداق پۈتۈنلەي ئىتائەتمەن بولغاچقا، مۇكەممەل باش روھانىي بولۇش ھۆددىسىدىن چىقىپ، ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك قۇتقۇزۇلۇش مەنبەسى بولدى.
ھەممىگە ھاياتلىق بەرگۈچى خۇدانىڭ، شۇنداقلا پونتىي پىلاتۇسقا يۈرەكلىك ھالدا ئۇلۇغ ھەقىقەت توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى تاپىلايمەنكى،
كىمدەكىم ماڭا خىزمەت قىلىشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ چاكىرىم شۇ يەردە بولىدۇ. ماڭا خىزمەت قىلغۇچىلارنى ئەرشتىكى ئاتام ھۆرمەتلەيدۇ.
چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى.
«ئەي يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بەيتلەھەم، يەھۇدىيە رەھبەرلىرىنىڭ نەزىرىدە ئورنۇڭ مۇھىم. چۈنكى سەندىن چىققۇسى، خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىسى» - دېيىشتى ئۇلار.
شۇ چاغدا، رەببىمىز ئەيسا خۇدانى تونۇشنى خالىمىغانلارنى ۋە ئۆزى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلمىغانلارنى جازالايدۇ.
خۇددى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىدەك، ئاياللارمۇ ھەرقانداق ئىشتا ئۆز ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلسۇن.
سىلەر مېنى «رەببىم» ۋە «ئۇستازىم» دەيسىلەر. راست ئېيتىسىلەر، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق.
مېنىڭ قويلىرىم گېپىمنى ئاڭلايدۇ. مەن ئۇلارنى تونۇيمەن. ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ.
كۆزەتچى ئىشىكنى قويچىغا ئېچىپ بېرىدۇ. قويلار قويچىنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ، ئۇمۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى چاقىرىپ ئۇلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىدۇ.
ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئىشەنچلىك بىر پادىشاھنى تىكلەيدۇ. ئۇ پادىشاھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولىدۇ. ئۇ رەھىم-شەپقەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇ دائىم ئادىل ۋە توغرا ئىشلارنى قىلىدۇ.
خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن پادىشاھ چىقىپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ بىردىنبىر قويچىسى بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلىدۇ، بەلگىلىمىلىرىمگە چىن قەلبىدىن بويسۇنىدۇ.
ئۇلار مەن خىزمەتكارىم بولغان ياقۇپقا ئاتا قىلغان زېمىندا، يەنى ئەجدادلىرى ياشىغان زېمىندا خاتىرجەم ياشايدۇ. بۇ يەردە ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ ياشايدۇ، خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادى مەڭگۈ ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدۇ.
خەلقىم بىلەن قارشىلىشىشتىن مۇستەسنا قىلدىڭ مېنى. باش قىلىپ كەلدىڭ مېنى يات ئەللەرگە، قىلماقتا ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىللار، سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم. سىلەرنى ئۆزۈمنىڭ خىزمەتكارىم قىلىپ تاللىغان. مەن سىلەرنى ماڭا ئىشەنسۇن، مېنى تونۇسۇن مېنىڭ سىلەرنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگارىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلسۇن دەپ تاللىغان. مەندىن بۇرۇن باشقا خۇدا بولۇپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ ھەم بولمايدۇ.
مەن بۇرۇن ئېيتقاندەك، ئەجدادلىرىڭلارنى مەن قۇتقۇزغان ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزىدىغانلىقىمنى جاكارلىغان. سىلەرنىڭ يات ئىلاھلىرىڭلار بۇنى قىلالمايدۇ. مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمگە سىلەر گۇۋاھچى.