Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 55:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 نېمە ئۈچۈن قۇۋۋەتسىز يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتە تاپقان پۇلۇڭلارنى سىلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئورۇنسىز سەرپ قىلىسىلەر؟ سىلەر سۆزۈمگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ياخشى يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولىسىلەر، كۆڭلۈڭلەر توق تۇرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 55:2
42 Referans Kwoze  

مېنىڭ خەلقىم رەزىل ئىشتىن ئىككىنى قىلدى: ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ساقلىيالمايدىغان يېرىق قۇدۇقلارنى كولىدى.


قانائەتلىنەر ئۇلار ئۆيۈڭدىكى مول نېمەتلەردىن، بەھرە ئالار سېنىڭ ھۇزۇرلۇق دەريالىرىڭدىن.


ئېزىلگەنلەر قانائەتلىنەر نېمەتلەردىن، پەرۋەردىگارغا تەلپۈنگەنلەر مەدھىيەلەر ئۇنى، خۇدا مەڭگۈ ياشناتقاي سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر خىل غەيرىي تەلىملەرنىڭ ئازدۇرۇشىغا بېرىلىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماڭلار. ئۆزۈڭلارنى يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش بىلەن ئەمەس، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن مۇستەھكەملەڭلار. چۈنكى، بۇنداق قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر.


مەن روھانىيلارنى مول نېمەتلەر بىلەن تەمىنلەيمەن. خەلقىم مەن ئاتا قىلغان ياخشى نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.»


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىنسانلار توپلىغان بايلىقىنىڭ ئوتقا ئوتۇن بولىدىغانلىقىنى، ئەللەرنىڭ بىھۇدە مېھنەت قىلىپ، ھالىدىن كېتىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغان ئەمەسمۇ؟


ئىسرائىلىيەلىكلەر شامال تېرىپ، بوراندىن ھوسۇل ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرى دان تۇتمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇن چىقمايدۇ. ھوسۇل ئالغان تەقدىردىمۇ، ھوسۇلىنى يات خەلقلەر يەيدۇ.


ئەي ھەققانىيلىقنى بىلگەنلەر، مېنىڭ قانۇنلىرىمنى قەلبىگە چىڭ پۈككەنلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! باشقىلارنىڭ سىلەرنى ھاقارەتلىشىدىن قورقماڭلار، ئۇلارنىڭ سىلەرنى ئاھانەت قىلىشىدىنمۇ ئۈمىدسىزلەنمەڭلار.


ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يەنە يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: - ھەممىڭلار سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار ۋە شۇنى چۈشىنىڭلاركى،


بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: «مېھمانلارغا: ˜قاراڭلار، زىياپەت تەييار بولدى. ئۆكۈز ۋە سېمىز ماللار سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار، زىياپەتكە مەرھەمەت!Œ دەڭلار» دەپ تاپىلاپتۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ھەققانىيلىققا ئىنتىلىپ، مېنى ئىزدىگەنلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئۆزۈڭلار ئويۇپ ئېلىنغان ئاشۇ قورام تاشنى ئەسلەپ بېقىڭلار، قەيەردىن قېزىپ ئېلىنغانلىقىڭلارنى ئويلاپ بېقىڭلار.


ئورنۇمدا يېتىپ خۇدا سېنى ئويلىسام، كېچىلىرى سەن ھەققىدە خىيال قىلسام، شادلىققا چۆمۈپ مەدھىيەلەر تۆكۈلەر ئاغزىمدىن، قورسىقىم تويغاندەك مول داستىخاندىن، روھىم تويدى سېنىڭ مول ئىلتىپاتىڭدىن.


تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىيلىقنى ئىزدىگەن ئىسرائىللار، يەنى يەھۇدىيلار بولسا ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىدى.


ماڭا قىلغان ئىبادىتى بىھۇدىدۇر. چۈنكى، ئۆگەتكەنلىرى خۇدانىڭ ئەمرلىرى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى چىقىرىۋالغان پەتىۋالاردۇر.»


ئەي خەلقىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي خەلقىم، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار: تەلىملىرىم مەندىن تارقىلىدۇ، ئادالىتىم خەلققە نۇر بولىدۇ.


ماڭا چىن قەلبىڭلاردىن ئىتائەت قىلساڭلار، زېمىندىكى ئەڭ ئېسىل نېمەتلەر سىلەرنىڭ بولىدۇ.


«ئەتكەن غىزايىمغا ئېغىز تېگىڭلار، تەييارلىغان شارابىمنى ئىچىڭلار.


كېلىڭلار ئەي بالىلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار سۆزۈمگە، پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىشنى ئۆگىتەي سىلەرگە.


ئېتىقاد خۇش خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ؛ خۇش خەۋەر بولسا ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر.


ئاندىن، راسا بوردالغان تورپاقنى ئەكېلىپ سويۇڭلار. ئۇنى زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋالايلى!


ئىسرائىلىيە خەلقى شامالنى ئوزۇق قىلار، كۈن بويى شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرەر. ئۇلارنىڭ يالغانچىلىق ۋە زوراۋانلىقى كۆپەيمەكتە. ئۇلار ئاسسۇر بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ، مىسىرغا زەيتۇن يېغى ئەۋەتىدۇ.


بەزىلەر ھەميانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى چىقىرىشىپ، تارازىلاردا ئۆلچەيدۇ، ئۇلار ئۇستىلارنى ياللاپ، بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن بىر بۇت ياسايدۇ، ھەمدە بۇ بۇتقا سەجدە قىلىپ چوقۇنىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا بارلىق خەلققە زىياپەت تەييارلايدۇ. ئاجايىپ ئېسىل تائاملار، كونا ئېسىل شارابلار بىلەن داستىخان سالىدۇ.


خۇدا بەزى ئادەملەرنى بايلىق، مال-مۈلۈك ۋە شەرەپلەرگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئۇلار كۆڭلى خالىغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلىسىمۇ، لېكىن خۇدا ئۇلارغا بۇ نەرسىلەردىن بەھرىلىنىش ئىمكانى بەرمەيدۇ، بۇ نەرسىلەردىن ياتلار بەھرىلىنىدۇ. مانا بۇ بىھۇدىلىكتۇر، بۇ ئازابلىق بىر ئىشتۇر.


ئەمدى ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئوغۇللار، نەقەدەر بەختلىكتۇر يولۇمنى تۇتقانلار!


ئەگەر بۈگۈن مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە چىن قەلبىڭلار بىلەن ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيسەڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلساڭلار،


پەرۋەردىگار: _ ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار بولغان مەن خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا تولۇق ئەمەل قىلساڭلار، مەن مىسىرلىقلارغا كەلتۈرگەن كېسەللەرنى سىلەرگە كەلتۈرمەيمەن. مەن سىلەرگە شىپا بولىدىغان پەرۋەردىگاردۇرمەن، _ دېدى.


ئەي كۈل يەيدىغان ئەخمەقلەر، سىلەرنىڭ نادان قەلبلىرىڭلار ئۆزۈڭلارنى ئالدايدۇ، بۇ بۇتلار سىلەرنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ، سىلەر: «قولۇمدىكى بۇ نەرسە خۇدا ئەمەسقۇ!» دەپ ئويلىمايسىلەر.


قىلتاققا ئۆزىنى ئېتىۋاتقان قۇش كەبى، ئوق تېشىپ ئۆتمىگۈچە ئۇنىڭ جىگىرىنى، بىلمەس ئۇ زىنانىڭ ھاياتىغا زامىن ئىكەنلىكىنى.


بىراق، ماڭا قۇلاق سالغانلار ئامان-ئېسەن ياشايدۇ، يامانلىقنىڭ ۋەھىمىسىدىن خالىي، خاتىرجەم بولىدۇ.


ھەققانىيلىققا ئىنتىلىدىغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى تولۇق قانائەتلەندۈرىدۇ.


بىراق، سىلەر بۇزۇلىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن ئەمەس، بۇزۇلمايدىغان، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەڭلار! بۇنى سىلەرگە ئىنسانئوغلى~-~ئۆزۈم بېرىمەن، چۈنكى مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى خۇدائاتام تەستىقلىغان.


شۇ كۈنى كەلگەندە، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ئاسسۇرلارنىڭ زۇلمىدىن ئازاد قىلىمەن. بوينۇڭلارغا سېلىنغان بويۇنتۇرۇقلار چېقىپ تاشلىنىدۇ. چۈنكى سىلەر كۈچكە تولدۇڭلار.»


پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، قەسەم قىلىپ: «مەن ئەمدى زىرائەتلىرىڭنى دۈشمىنىڭگە ئوزۇقلۇق بولۇشقا بەرمەيمەن، يات خەلقلەرمۇ ئەمدى سېنىڭ جاپا تارتىپ چىقارغان يېڭى شارابلىرىڭنى ئىچەلمەيدۇ.


پەقەت ھوسۇل يىغقانلارلا ھوسۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەيدۇ، ئۈزۈم يىغقۇچىلارلا مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا ئۈزۈم شارابىنى ئىچەلەيدۇ.» دەيدۇ.


ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بىكارغا كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تۇغقان پەرزەنتلىرى بالا-قازاغا ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت ئاتا قىلىنغان خەلق ھېسابلىنىدۇ.


مېنىڭ خەلقىم بۇغداي تېرىيدۇ، بىراق ئۇلار تىكەنلەردىن ھوسۇل ئالىدۇ. ئۇلار تاكى ھېرىپ چارچىغۇچە ئىشلەيدۇ، بىراق ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۈپەيلىدىن ھوسۇل ئالالماي ئۈمىدسىزلىنىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، دەم ئېلىش كۈنىدە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن ھېچقانداق يۈك-تاق ئېلىپ كىرمەڭلار. چوقۇم دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار ۋە ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite