يەشايا 55:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 تىكەنلىكلەر ئورنىغا كىپارىسلار ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئوغرى تىكەنلەر ئورنىغا قارىغاي دەرەخلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا مەڭگۈ شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان بەلگىدۇر.» Gade chapit la |
سىئوندىكى ماتەم تۇتقانلارنىڭ ھەسرەت كۈلىنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك تاجنى، ماتەمنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق مېيىنى، مەيۈس روھنىڭ ئورنىغا ھەمدۇسانا تونلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار «ھەققانىيلىق دەرەخلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى پەرۋەردىگار كۆچەت قىلىپ تىككەندۇر.
مەن سىلەرنىڭ تەبىئىتىڭلاردىكى ئاجىزلىقلارنى بىلگەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئادەتتىكى مىسال بىلەن ئېيتىۋاتىمەن. ئىلگىرى سىلەر گۇناھنىڭ قۇلى بولۇپ، تېنىڭلاردىكى ئەزالارنى ناپاك ۋە تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارغا بېغىشلىغانىدىڭلار. ئەمدى پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى ھەققانىيلىقنىڭ قۇلى بولۇشقا بېغىشلاڭلار.
كىمگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلىسۇن، كىمگە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ بەرگەن كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئىشتا خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەدھىيىلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!