2 چېدىرلىرىڭنىڭ ئورنىنى كېڭەيتكىن، چېدىرىڭنىڭ رەختلىرىنى چوڭ يايغىن، ھېچ نەرسىنى ئايىمىغىن، ئارقانلارنى ئۇزۇن قىلىپ، قوزۇقلارنى چىڭ قاققىن.
سىئون تېغىغا قاراڭلار! ھېيتلىرىمىزنى ئۆتكۈزۈۋاتقان شەھىرىمىزگە قاراڭلار. سىلەر يېرۇسالېمنىڭ خاتىرجەم يەرگە ئايلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ يۆتكىگىلى بولمايدىغان چېدىردەك مەزمۇت ئورناپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر. ئۇنىڭ قوزۇقلىرىنى سۇغۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئارغامچىلىرىنى ھېچكىم ئۈزەلمەيدۇ.
ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىنى توسىدىغان رەختلەر، تۈۋرۈكلەر، تۈۋرۈك پۇتلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى، تانىلار، قوزۇقلار ۋە چېدىردا ئىشلىتىلىدىغان باشقا نەرسىلەر،
بىراق بىزنىڭ چېدىرلىرىمىز بۇزۇۋېتىلدى. ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرغان ئارغامچىلار ئۈزۈلدى. بىزنىڭ بالىلىرىمىز كەتتى ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ. چېدىرلىرىمىزنى قايتا تىكلەپ، چېدىردىكى پەردىلەرنى ئاسىدىغان بىرمۇ ئادەم ھايات قالمىدى.
قوزۇقلار، تانىلار،
ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، يەنە بىر قۇدۇق قازدۇردى. بۇ قېتىم ماجىرا چىقمىدى. شۇڭا ئۇ بۇ قۇدۇقنىڭ ئىسمىنى رىھۇبوت [مەنىسى «ئازادە يەر»] دەپ ئاتىدى. ئۇ: «پەرۋەردىگار ئاخىر بىزنى ئازادە يەردە ياشاشقا مۇيەسسەر قىلدى. بىز بۇ يەردە چوقۇم روناق تاپىمىز» دېدى.
ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئۇلغايتتىڭ. ئۆز خەلقىڭنىڭ سانىنى كۆپەيتتىڭ. بۇنىڭ بىلەن سەن شان-شەرەپكە ئېرىشتىڭ. سەن زېمىنىمىزنىڭ چېگرالىرىنى كېڭەيتتىڭ.
ئەي ئىسرائىللار، ھامان بىر كۈنى سېپىللىرىڭلار قايتىدىن قۇرۇلىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، زېمىنىڭلار كېڭىيىدۇ.