12 سېنىڭ راۋاقلىرىڭنى قىزىل ياقۇتلاردىن ياساپ چىقىمەن، شەھەر دەرۋازىلىرىڭنى گۆھەرلەردىن ياسايمەن، شەھەر سېپىللىرىڭنى پارقىراق ئېسىل تاشلاردىن قوپۇرۇپ چىقىمەن.
ئەي، ئازاب-ئوقۇبەت تارتقان، بوران-چاپقۇنلاردا قالغان، تەسەللى تاپمىغان شەھەر يېرۇسالېم، مەن سېنىڭ ئۇلۇڭنى ئېسىل رەڭلىك تاشلاردا قوپۇرۇپ چىقىمەن، مەن سېنى كۆك ياقۇتلاردىن قۇرۇپ چىقىمەن.
بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە مەن پەرۋەردىگار ئۆزۈم تەربىيە بېرىمەن. ئۇلار تىنچ-ئامان ھايات كەچۈرىدۇ.
ئۈچىنچى قۇرىغا سۆسۈن ياقۇت، ھېقىق ۋە سۆسۈن كۋارتس قادالسۇن.
ساراينىڭ ئىككى يان تاملىرىدىكى پەنجىرىلەر ئۈچ قۇردىن بولۇپ، بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى.
قارا، مەن سېنىڭ نامىڭنى ئالىقىنىمغا يېزىۋالدىم، سېنىڭ شەھەر سېپىللىرىڭ ھەر ۋاقىت مېنىڭ كۆز ئالدىمدا.
شەھەر دەرۋازىلىرىغا ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ نامى بېرىلسۇن، شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ئۈچ دەرۋازا رۇبېن، يەھۇدا ۋە لاۋىي دەرۋازىلىرى دەپ ئاتالسۇن.
ئۇ كۈنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆز خەلقىنى خۇددى پادىچى ئۆز پادىلىرىنى قۇتقۇزغاندەك قۇتقۇزىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا خۇددى پادىشاھنىڭ تاجىدىكى ياقۇتلاردەك چاقنايدۇ.
شەھەرنىڭ چوڭ ھەم ئېگىز سېپىلى ۋە ئون ئىككى دەرۋازىسى بار ئىدى. ھەربىر دەرۋازىنى بىردىن پەرىشتە ساقلايتتى. ھەربىر دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن بىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى.