يەشايا 54:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 تاغلار ئورنىدىن قوزغىلىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ، دۆڭلەر تۈزلىنىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم سەندىن ئايرىلمايدۇ، مېنىڭ تىنچلىق ئەھدەم ئۆزگەرمەيدۇ. مانا بۇ، ساڭا ھېسداشلىق قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر. Gade chapit la |
مەن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى بايان قىلىمەن، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيەلەيمەن. چۈنكى ئۇ بىز ئۈچۈن ئاجايىپ زور ئىشلارنى قىلغان، ئۇ بىز ئىسرائىللار ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆپ شاپائەتلىك ئىشلارنى قىلغان. پەرۋەردىگار ئۆز شاپائىتى ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلغان.