Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 53:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئۇ زۇلۇمغا ئۇچرىدى، ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى، لېكىن ئۇ ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى. ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان قوزىدەك، خۇددى يۇڭ قىرقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا ياتقان قويدەك، ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 53:7
17 Referans Kwoze  

لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا لام-جىم دېمىدى. باش روھانىي ئۇنىڭغا: - مەڭگۈ ھايات خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەن. ئېيتقىن، خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ سەنمۇ؟ - دېدى.


ئەيسا مەسىھ ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ھېچكىمگە تەھدىت سالمايتتى. ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم قىلىدىغان خۇداغا تاپشۇراتتى.


لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا شۈك تۇرۇپ، ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. باش روھانىي يەنە ئۇنىڭدىن: - مەدھىيىلىنىشكە لايىق بولغان خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ سەنمۇ؟ - دەپ سورىدى.


يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن: - سەن زادى قەيەردىن كەلگەن؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بەرمىدى.


شۇڭا، ئۇ ھەزرىتى ئەيسادىن بىرمۇنچە سوئاللارنى سورىدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى.


لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا يەنىلا زۇۋان سۈرمىدى. پىلاتۇس بۇنىڭغا ھەيران قالدى.


ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: - مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر!


ئاندىن، بىر قوزىنىڭ يېتەكچىلەر قورشاپ تۇرغان تەخت بىلەن تىرىك مەخلۇقلارنىڭ ئارىلىقىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. قارىماققا، ئۇ بۇرۇن بوغۇزلانغاندەك قىلاتتى. قوزىنىڭ يەتتە مۈڭگۈزى ۋە يەتتە كۆزى بار بولۇپ، بۇ كۆزلەر خۇدانىڭ پۈتكۈل دۇنىياغا ئەۋەتكەن يەتتە روھى ئىدى.


كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،


ساڭا بولغان ساداقىتىمىزدىن كۈنبويى قىرىلماقتىمىز، سويۇلىدىغان قويلارنىڭ قاتارىدا بولماقتىمىز.


ھەممىمىز خۇددى يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشاش، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز بىلگەن يوللارغا كەتتۇق. لېكىن پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى.


مەن خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان ياۋاش قويغا ئوخشاپ قالغانىدىم. ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى، يەنى ئۇلارنىڭ: «بۇ دەرەخنى كېسىپ، مېۋىلىرىنى كۆزدىن يوقىتايلى! كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسمىنى كىشىلەر ياد ئەتمەيدىغان قىلىۋېتەيلى!» دېگەنلىكىنى بىلمىگەنىدىم.


شۇنداق، قۇلىقى پاڭ ئادەمدەكمەن، رەدىيەگە تىلى يوق گاچىدەكمەن.


ئى پەرۋەردىگار، ئۈمىدىمنى باغلىدىم ساڭا، ئى ئىگەم، ئىلاھىم جاۋاب بېرىسەن ماڭا.


ئارقا تەرىپىمدىن مېنى ئۇرغانلارغا مەن ئۆزۈمنى تۇتۇپ بەردىم، ساقىلىمنى يۇلغانلارغا يۈزۈمنى تۇتۇپ بەردىم. مېنى ھاقارەت قىلىپ يۈزۈمگە تۈكۈرگەنلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرمىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite