5 پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ خەلقىم سەۋەبسىزلا ئەسىر قىلىندى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ماختىنىپ چۇقان سېلىپ، مېنىڭ نامىمنى كۈن بويى ھاقارەت قىلماقتا.
خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك: «سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن يەھۇدىي ئەمەسلەر خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلماقتا.»
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈنى سىلەر ‹بېلىق دەرۋازىسى›دىن يىغا ئاۋازىنى، شەھەرنىڭ يېڭى مەھەللىسىدىن پەرياد ئاۋازىنى ۋە تاغلاردىن گۈلدۈرلىگەن ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر.
لېكىن مەن نام-شەرىپىمنىڭ يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلىدۇ.
لېكىن مەن نام-شەرىپىمنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇ خەلقلەر مېنىڭ ئىسرائىللار ئالدىدا ئايان بولغانلىقىمنى ۋە ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلەتتى.
ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ، يوق قىلدى ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، دۈشمەن ھۇجۇم قىلغاندا كۆتۈرمىدى ھەممىگە قادىر قولىنى. ئۇ ھەممىنى يالماپ يۇتۇپ ئوت كەبى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى ياقۇپنىڭ يۇرتىنى.
ئاڭلىسىمۇ كىشىلەر ھەسىرەتلىرىمنى، لېكىن ھېچكىم تەسەللى بەرمەس ماڭا. پۈتۈن دۈشمەنلىرىم بولار شاد-خۇرام سېنىڭ سالغان كۈلپەتلىرىڭدىن بېشىمغا. كەلگەي سېنىڭ ۋەدە قىلغان ھۆكۈم كۈنۈڭ، ئۇلارنىمۇ ماڭا ئوخشاش سالغايسەن ئازابقا.
ئىسرائىل خەلقى خۇددى شىرلار قوغلاپ يۈرگەن قويلارغا ئوخشايدۇ. دەسلەپتە ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى. ھازىر، يەنى ئەڭ ئاخىرىدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى غاجىدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھەقسىز سېتىلغانىدىڭلار، مانا ئەمدى ھەقسىز قۇتقۇزۇلىسىلەر.»
مەن ئەمدى بۇ قەدەھنى سىلەرگە زۇلۇم سالغانلارنىڭ قولىغا بېرىمەن. ئۇلار سىلەرگە: ‹يەردە يات، بىز ئۈستۈڭدىن دەسسەپ ئۆتىمىز!› دېگەنىدى. سىلەر يەردە يېتىپ دۈمبەڭلارنى ئۇلارغا يول قىلىپ بەردىڭلار، ئادەملەر ئۈستۈڭلاردىن خۇددى كوچىدا ماڭغاندەك دەسسەپ مېڭىشتى.»
ئوغۇللىرىڭ خۇددى قاپقانغا چۈشۈپ قالغان بۆكەندەك، كوچا-كوچىلاردا سۇنايلىنىپ ھوشسىز يېتىشماقتا. پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى ۋە تەنبىھلىرى ئۇلارنى شۇ ھالغا چۈشۈردى.
مەن خەلقىمدىن غەزەپلەندىم. مەن ئۇلارنى تاشلىۋېتىپ، سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم، لېكىن سەن ئۇلارغا رەھىمدىللىك قىلمىدىڭ، ھەتتا قېرىلارنىمۇ ئاياپ قويمىدىڭ.
سېنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقىڭنى، قاچان كېلىپ، قاچان كېتىدىغانلىقىڭنى، ماڭا قانچىلىك ئاچچىق غەزەپ قىلغانلىقىڭنى بىلىمەن.
يەشايا پەيغەمبەر ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھقا ئېيتىڭلار، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ چاكىرىنىڭ ماڭا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان سۆزلىرىدىن قورقۇپ كەتمە.
‹ئەي شەبنا، سەن بۇ يەردە نېمىدەپ تۇرىسەن؟ ئۆزۈڭنى كىم چاغلايسەن؟ بۇ يەردە ئۆزۈڭگە قەبرە ياساۋاتامسەن؟ بۇ شۆھرەتلىك قەبرىنى ياسىغۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟! تاشلاردىن ئۆزىگە ياتىدىغان جاي ياسىغۇدەك سەن كىم بولىسەن؟!
ئېسىڭدە تۇتقايسەن ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىڭنىڭ مەسخىرە قىلغانلىرىنى. ئۇنتۇمىغايسەن ئى پەرۋەردىگار، ھاماقەت خەلقنىڭ كۆزگە ئىلمىغانلىرىنى.
رەقىبلىرىڭ مەسخىرە قىلار سېنى خۇدا قاچانغىچە؟ ھاقارەتكە قالارمۇ نامىڭ سېنىڭ ئەبەدكىچە؟
ئەرزان ساتتىڭ قۇل قىلىپ ئۆز خەلقىڭنى، قەدىر-قىممىتىمىز پايخان بولدى سېتىپ بىزنى.
ئۇلار مىكاھنىڭ ئۆيىدە ياش لاۋىينىڭ شېۋىسىدىن ئۇنى تونۇپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن: _ سېنى بۇ يەرگە كىم ئېلىپ كەلدى؟ بۇ يەردە نېمە قىلىسەن؟ نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ مەن خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمگەك نازارەتچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن.
_ ئەمما سەن بۇ ئىشنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، يېڭى تۇغۇلغان ئوغلۇڭ ئۆلۈپ كېتىدۇ.