Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 52:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھەقسىز سېتىلغانىدىڭلار، مانا ئەمدى ھەقسىز قۇتقۇزۇلىسىلەر.»

Gade chapit la Kopi




يەشايا 52:3
13 Referans Kwoze  

ئادالەت ئۈچۈن كورەش پادىشاھنى قوزغىتىدىغان، ئۇنىڭ يولىنى راۋان قىلىدىغان مەن بولىمەن. ئۇ مېنىڭ شەھىرىمنى قايتا قۇرىدۇ. ئۇ ھېچقانداق سوۋغات قوبۇل قىلماستىن ۋە پارا ئالماستىن، مېنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان خەلقىمنى ئازاد قىلىدۇ.» مانا بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئەجدادلىرىڭلاردىن قالغان ئەھمىيەتسىز تۇرمۇش يولىنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولدۇڭلار. بۇ، قىممىتىنى ھامان يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەر بىلەن ئەمەس،


ئەرزان ساتتىڭ قۇل قىلىپ ئۆز خەلقىڭنى، قەدىر-قىممىتىمىز پايخان بولدى سېتىپ بىزنى.


سىلەرنىڭ بايلىق ۋە مال-مۈلكۈڭلارنى ئۇلارغا ئولجا قىلىپ بېرىۋېتىمەن. سىلەرنىڭ بۇ زېمىندا قىلغان پۈتكۈل گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن، ئۇ نەرسىلەرنى بىكارغا بېرىۋېتىمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاناڭلارنى ھەيدەپ چىقارغاندا، ئۇنى تالاق قىلدى، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئۇنداقتا تالاق خېتى قېنى؟ مەن قەرزدار بولۇپ قېلىپ، سىلەرنى قەرز بەرگۈچىگە سېتىۋەتتىممۇ؟ ياق! قاراڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن سېتىۋېتىلدىڭلار، ئاناڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ھەيدەلدى.


سىئون شەھىرى ئادالەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ، شەھەردىكى توۋا قىلغان خەلق ھەققانىيەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ.


سىلەر ‹مۇقەددەس خەلق›، ‹پەرۋەردىگار قوغدىغان خەلق› دەپ ئاتىلىسىلەر، يېرۇسالېم ‹ئەتىۋارلانغۇچى›، ‹تاشلىۋېتىلمىگەن شەھەر› دەپ ئاتىلىدۇ.»


چۈنكى قىساس ئالىدىغان كۈن قەلبىمدە ئىدى، ئىنتىقام ئالىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەنىدى.


سەن ھەربىر كوچىنىڭ بېشىغا سەجدىگاھ، ھەربىر مەيدانغا ئېگىز بۇتخانا ياسىدىڭ، لېكىن بىر تىيىنمۇ ھەق ئالمىدىڭ. ئەمەلىيەتتە سەن بىر پاھىشىگىمۇ يەتمەيسەن.


باغلار مېۋىلەيدۇ، ئېتىزلار ھوسۇل بېرىدۇ، خەلقىم ئۆز يۇرتلىرىدا خاتىرجەم ياشايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن. ئۇلارنى قۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.


قۇت يىلى كەلگۈچە، ئەگەر ئۇلار يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلۈكىنى سېتىۋالالمىسا، قۇت يىلى كەلگەندە، ئۇلار بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھۆرلۈككە ئېرىشسۇن.


قالدۇردۇڭ بىزنى يات ئەللەرنىڭ ھاقارىتىگە، ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ نەپىرىتى ۋە مەسخىرىسىگە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite