Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 52:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 مانا ئەمدى ئۇ نۇرغۇن ئەللەرنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇنى كۆرگەن پادىشاھلارمۇ ئاغزىنى ئېچىپلا قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن خەۋەردار بولۇپ باقمىغان ئىشلارنى كۆرىدۇ، ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلارنى بىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 52:15
24 Referans Kwoze  

ئەللەر تەرىپىدىن نەپرەتلىنىپ رەت قىلىنغان، ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان خىزمەتكارىغا پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى قوغدايدىغان، ئۇلارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سېنى كۆرۈپ شاھلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ھۆكۈمدارلار ئالدىڭدا تىزلىنىپ، ساڭا تەزىم قىلىدۇ. چۈنكى سېنى تاللىغان پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا ئىشەنچلىكتۇر.»


خۇدائاتىمىز ئۆزىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سىلەرنى تاللىدى، مۇقەددەس روھ سىلەرنى پاك قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن گۇناھلىرىڭلاردىن يۇيۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ئۇلارنى خۇدائاتا، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ،


ئۈستۈڭلارغا پاكىز سۇ چاچىمەن، سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى پۈتۈن ناپاكلىقلاردىن ۋە پۈتۈن بۇتلاردىن پاكلايمەن.


سىلەر ئۆزۈڭلار تونۇمايدىغان ئەللەرنى چاقىرىسىلەر، سىلەرنى تونۇمايدىغان ئەللەر قېشىڭلارغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ، چۈنكى مەن، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا، سىلەرگە شان-شەرەپ ئاتا قىلىمەن.»


شاھلار سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولۇپ بالىلىرىڭنى باقىدۇ، خانىشلار ئىنىكئانا بولىدۇ. ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ، ساڭا تەزىم قىلىشىدۇ. ئاياغلىرىڭدىكى چاڭلارنى تىللىرى بىلەن يالايدۇ. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن، ماڭا ئۈمىد باغلىغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»


يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئەيسا مەسىھ ھەم ئۇنىڭ سېپىلگەن قېنى بولغان جايدۇر. بۇ سېپىلگەن قان ھابىلنىڭ قېنىدەك ئىنتىقام دەپ ھۆركىرەپ يىغلاشنىڭ ئورنىغا، گۇناھلارنى كەچۈردۈم، دەپ كاپالەت بېرىدۇ.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارغا «ئۆتۈپ كېتىش» كېچىسىنىڭ تامىقىنى تەييارلاش ۋە بوغۇزلانغان قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنى ئىشىك كېشەكلىرىگە سۈركەشنى بۇيرۇدى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى جان ئالغۇچى پەرىشتىنىڭ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىغا تەگمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى.


مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى. چۈنكى، دىللىرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىنىڭ سېپىلىشى بىلەن ۋىجدان ئازابىدىن خالاس بولغان ۋە بەدىنىمىز پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك پاكلانغان.


خۇدا ئۇنى تىرىلدۈرۈپ ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنى چوڭ شان-شەرەپكە ئىگە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. ھەزرىتى ئەيسا خۇدائاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى ئۇنىڭدىن ئالدى ۋە ھازىر كۆرۈۋاتقان، ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلاردەك، بۇ روھنى بىزلەرگە چۈشۈردى.


ئەي ئىنسانلار، مېنىڭ ئالدىمدا سۈكۈتتە تۇرۇڭلار! چۈنكى مەن مۇقەددەس ماكانىمدىن قوزغىلىپ كەلمەكتىمەن.»


مېنىڭ ھەققانىيلىقىم كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، قۇتقۇزۇلۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مەن خەلقلەرگە ئادالەت بېرىمەن. دېڭىز بويىدىكى يىراق ئەللەرمۇ مېنى كۈتىدۇ، ئۇلار مېنىڭ قۇدرىتىمگە ئۈمىد باغلايدۇ.


«مەن ئەرزىمەس بىر ئادەم، ساڭا قانداقمۇ جاۋاب بېرەلەيمەن؟ مەن ئەمدى ئېغىزىم ئاچمايمەن.


لاۋىيلارنى مۇنداق ئۇسۇل بىلەن پاكلىغىن: ئۇلارغا پاكلىنىش سۈيىنى سەپكىن، ئاندىن ئۇلار ئۇستىرا بىلەن پۈتۈن بەدەنلىرىنى قىرىپ تازىلىسۇن. كىيىملىرىنى يۇيسۇن، شۇندىلا ئۇلار پاكلانغان بولىدۇ.


ئاندىن پاك بىر كىشى لېپەكگۈلنى ئۇ سۇغا چىلاپ، چېدىرغا ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرگە ھەمدە ئۇ يەردىكى ئادەملەرگە سەپسۇن. يەنە قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەرقانداق بىر جەسەتكە ياكى ئۆلۈكنىڭ سۆڭىكىگە ياكى قەبرىسىگە تەگكەن ھەرقانداق كىشىگىمۇ ئاشۇ سۇدىن سېپىلسۇن.


مېنى كۆرسەڭلار ھەيران قالىسىلەر، ھاڭ-تاڭ بولۇپ، ئاغزىڭلارنى قولۇڭلاردا ئېتىۋالىسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite