4 ئەي خەلقىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي خەلقىم، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار: تەلىملىرىم مەندىن تارقىلىدۇ، ئادالىتىم خەلققە نۇر بولىدۇ.
لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.
شۇنىڭغا ئوخشاش، تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بولغىنىمدا، شۇ كىشىلەرگە ئوخشاش ياشاۋاتىمەن. بۇ، خۇدانىڭ قانۇنىدىن چەتنەپ كەتتىم دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى مەن ئەيسا مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىپ ياشاۋاتىمەن.
نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ شۇنداق دېيىشىدۇ: «كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا چىقايلى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارايلى، ئۇ يەردە پەرۋەردىگار بىزگە ئۆز يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يولىدا ماڭىمىز.» پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمى سىئوندىن، سۆزى يېرۇسالېمدىن تارقىلىدۇ.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ياقۇپ قەبىلىلىرىنى قايتىدىن تىكلەيسەن، ئىسرائىللاردىن ئامان قالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىسەن، مەن سېنى پەقەت مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈنلا خىزمەتكار قىلغىنىم يوق! مېنىڭ نىجاتلىقىم دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بارسۇن دەپ، سېنى پۈتكۈل ئەللەرگە نۇر قىلىمەن.»
«مەن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىم ئايان بولسۇن دەپ، سېنى تاللىدىم. مەن قولۇڭنى تۇتۇپ، سېنى قوغدايمەن. مەن سېنى ئىسرائىللارغا ئەھدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىمەن. مەن سېنى بارلىق ئەللەرنى يورۇتىدىغان نۇر قىلىمەن.
نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ، مۇنداق دېيىشىدۇ: «كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا چىقايلى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارايلى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار بىزگە ئۆز يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يولىدا ماڭىمىز». پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمى سىئوندىن، سۆزى يېرۇسالېمدىن تارقىلىدۇ.
ئەي خەلقىم، قۇلاق سالغىن تەلىمىمگە، زېھنىڭنى بەر مېنىڭ ھەربىر سۆزلىرىمگە.
ئۇ سېنىڭ كىملىكىڭنى پۈتۈن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بىلدۈرىدىغان نۇردۇر، خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ شان-شەرىپىدۇر!»
دەرۋازىلارنى ئېچىڭلار، پەرۋەردىگارغا ساداقەتمەن، ھەققانىي خەلقنى ئىچىگە كىرگۈزۈڭلار.
چۈنكى بۇيرۇق بولسا چىراغدۇر، تەلىم بولسا نۇردۇر، تەربىيىنىڭ ئۆزى ھايات يولىدۇر.
پەرۋەردىگار باشقا خەلققە ھېچقاچان بۇنداق مۇئامىلە قىلغان ئەمەس، ئۇنىڭ پەرزلىرىنى باشقىلارمۇ ھەم بىلگەن ئەمەس. ھەمدۇسانالار بولسۇن پەرۋەردىگارغا.
ئۆزۈڭ تاللىغان خەلقىڭنىڭ ئىقبالىنى كۆرەي، ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە جور بولۇپ كۈلەي، ساڭا مەنسۇپ خەلقىڭ بىلەن ماختىنىپ يۈرەي.
«مەن خۇدادۇرمەن، سىلەرنى ياراتقان خۇدا، ئەي خەلقىم، قۇلاق سېلىڭلار ماڭا، ئەي ئىسرائىل، شىكايىتىم بار ساڭا.
پەرۋەردىگارنى خۇدايىمىز دەپ تونۇغانلار بەختلىكتۇر، پەرۋەردىگار ئۆزىگە تەۋە قىلىپ تاللىغان خەلق بەختلىكتۇر.
شۇنداق ئىكەن، ھەمىشە سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىپ، داۋاملىق سېنىڭ ئىلتىپاتىڭغا ئېرىشىشىم ئۈچۈن، ماڭا يول كۆرسەتكەيسەن ۋە بۇ خەلقنىڭ ئۆز خەلقىڭ ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، _ دېدى.
سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمنىڭ روھانىيلىرى ۋە مېنىڭ مۇقەددەس خەلقىم بولىسىلەر.» بۇ سۆزلىرىمنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگىن.
مەن ئۇلارنىڭ ئىسرائىل قېرىنداشلىرىدىن ساڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تاللاپ، سۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويىمەن. ئۇ مېنىڭ بارلىق سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈزىدۇ.
سىئون شەھىرى ئادالەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ، شەھەردىكى توۋا قىلغان خەلق ھەققانىيەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ.
پەرۋەردىگار، بىز سېنىڭ كۆرسەتكەن يولۇڭدا ماڭىمىز، ساڭا تەلپۈنىمىز. سېنىڭ نامىڭنى ئۇلۇغلاش قەلبىمىزنىڭ ئىستىكىدۇر.
پەرۋەردىگار بىزنىڭ سوتچىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھۆكۈمرانىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ.
پەرۋەردىگار ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك تەلىملىرىنى ئۇلۇغلىغانىدى.
گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، يېنىمغا كېلىڭلار، ئاڭلاڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي ھاياتلىققا ئىگە بولىسىلەر. مەن سىلەر بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن، مەن داۋۇتقا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىمنى سىلەرگىمۇ ئاتا قىلىمەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دېگەن: «پەقەت ئۇلارلا مېنىڭ خەلقىم، مەندىن يۈز ئۆرۈمەيدىغان پەرزەنتلىرىمدۇر». شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولدى.