يەشايا 51:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 مانا مەن پەرۋەردىگار سىئونغا تەسەللى بېرىمەن، ئۇنىڭ خارابىلىرىگە تەسەللى بېرىمەن. ھەمدە سىئوننىڭ بارلىق خارابىلىكلىرىنى ئېرەم باغقا ئايلاندۇرىمەن. ئۇنىڭ چۆللۈكلىرىنى مېنىڭ بېغىمغا ئايلاندۇرىمەن. ئۇ يەردە شادلىق ھەم خۇشاللىق بولىدۇ. شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانالارنىڭ ساداسى ياڭرايدۇ. Gade chapit la |
ئەمما مەن ئۆز پەيغەمبەرلىرىمنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق يېرۇسالېم توغرىسىدا مۇنداق دېدىم: ‹ھامان بىر كۈنى يېرۇسالېمدا خەلقىم ياشايدۇ.› يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرى توغرىسىدا پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق مۇنداق دېدىم: ‹ئۇلار ھامان بىر كۈنى بۇ خارابىلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ.›
پەرۋەردىگار سىئونغا مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، مەن ساڭا جاۋاب بېرىمەن، نىجاتلىق كۈنى كەلگەندە، مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن. مەن سېنى قوغدايمەن، مەن سېنى خەلقىم بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەمنىڭ ۋاسىتىچىسى قىلىمەن. سەن بۇ يۇرتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىسەن، خارابىلىككە ئايلانغان بۇ زېمىننى قايتىدىن تەقسىم قىلىسەن.