Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 51:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ئويغان، ئەي يېرۇسالېم، ئويغان! ئورنۇڭدىن دەس تۇر! سەن قەدەھتىكى ئادەمنى ئېگىز-پەس دەسسىتىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى ئازاب شارابىنى پاك-پاكىز ئىچىۋەتتىڭ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 51:17
30 Referans Kwoze  

ئويغان ئەي يېرۇسالېم، ئويغان، قېنى، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغىن! ئەي مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېم، قېنى، ھەشەمەتلىك كىيىملىرىڭنى كىيگىن. بۈگۈندىن باشلاپ خەتنىسىزلەر ۋە ناپاكلار دەرۋازىلىرىڭغا باستۇرۇپ كەلمەيدۇ.


خۇدانىڭ غەزىپىنىڭ ساپ ھەم كۈچلۈك شارابىنى خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھتە ئىچىدۇ. ئۇ مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا ئوت ۋە گۈڭگۈرتتە ئازابلىنىدۇ.


ئەقىل-ھوشۇڭلارنى تېپىپ، گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈڭلار. بەزىلىرىڭلار خۇدانى تېخىچە تونۇمايسىلەر. بۇ سۆزنى سىلەرنى خىجىل بولسۇن، دەپ ئېيتىۋاتىمەن.


ئەي پەرۋەردىگار، ئويغىنىپ قولۇڭنى كۆتۈرگەيسەن، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغايسەن. خۇددى بۇرۇنقى زاماندىكىگە ئوخشاش، ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن! دېڭىز مەخلۇقى راخابنى پارچىلاپ تاشلىغان سەن ئەمەسمۇ! قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقىنى سانجىپ ئۆلتۈرگەن سەن ئەمەسمۇ!


ئى خۇدا، ئازاب سالدىڭ ئۆز خەلقىڭگە، جازا شارابىنى ئىچكۈزدىڭ بىزگە.


ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھالاكىتىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرسۇن، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غەزىپىنىڭ تەمىنى ئۆزلىرى تېتىسۇن.


ياندۇرۇڭلار ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغىنىغا مۇۋاپىق. قايتۇرۇڭلار ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا قوشلاپ. سۇنۇڭلار ئىككى باراۋەر تولدۇرۇپ، ئۇنىڭ شاراب بەرگەن قەدىھىنى.


چۈنكى، ھەممە نەرسىنى ئاشكارىلايدىغىنى نۇردۇر. شۇڭا، مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئويغان، ئەي ئۇخلاۋاتقان ئىنسان، تىرىل روھىي ئۆلۈمدىن. ئەيسا مەسىھ ساڭا نۇر چاچار!»


«مەن يېرۇسالېمنى ئەتراپىدىكى ئەللەرنى مەست قىلىپ قويىدىغان بىر قەدەھ شاراب قىلىپ قويىمەن. ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشىۋالغاندا، يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىمۇ قورشاۋغا ئېلىنىدۇ.


چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ بولار، ئۇنىڭغا ئاچچىق، كۆپۈكلۈك شاراب تولغان بولار. قاچانكى خۇدا ئۇنى تۆكسە زېمىنغا، پاسىقلار دۇغلىرىنى قوشۇپ ئىچىۋالار.


قىزىق شامال، ئوت، گۈڭگۈرت، چوغلار، يامانلارنىڭ ھاياتىغا نېسىۋە بولار.


كاتتا شەھەر بابىل ئۈچكە بۆلۈندى. ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ يەر بىلەن يەكسان بولدى. شۇ كاتتا شەھەر بابىلدىن ھېساب ئېلىنىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ قاتتىق غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى.


ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئۇلارغا ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شارابتىن سىلەر تاكى مەست بولۇپ ياندۇرغۇچە ئىچىڭلار. سىلەر تاكى يىقىلىپ چۈشۈپ ئورنۇڭلاردىن تۇرالمىغانغا قەدەر ئىچىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچىمەن.›»


خورىكى چوڭ ماختانچاقلارنىڭ خورىكىنى كېسىۋېتىمەن. بىراق ئادىل-ھەققانىيلارنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرىمەن.


ئويغان، ئويغان! دىبورا ئويغان! ئابىنوئام ئوغلى باراق، ئورنۇڭدىن تۇر! ئويغان، مەدھىيە ياڭرات! ئەسىرلىرىڭنى ئېلىپ كەت!


بېشىڭلارغا كەلگەن كۈلپەتتىن ساراڭ بولىسىلەر.


ئۇ سىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ساراڭ قىلىدۇ، كۆزۈڭلارنى كور قىلىدۇ.


- سىلەر نېمە تەلەپ قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - مەن ئىچىدىغان ئازاب قەدىھىنى ئىچەلەمسىلەر؟ - ئىچەلەيمىز، - دېيىشتى ئۇلار.


چۆچۈپ كېتىڭلار، ھاڭ-تاڭ بولۇپ قېلىڭلار! ئەمالاردەك يۈرۈۋېرىڭلار! سىلەر مەست، بىراق شارابتىن ئەمەس. سىلەر دەلدەڭىشىپ ماڭىسىلەر، ئەمما بۇ شاراب ئىچكىنىڭلاردىن ئەمەس.


ئەي، ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر، سىلەر مەست، لېكىن بۇ شارابنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس. شۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلاركى،


ئىگەڭلار پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىنى ھىمايە قىلىدىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مەن سىلەرنىڭ قولىڭلاردىن ئادەمنى ئېگىز-پەس دەسسىتىدىغان، قەدەھتىكى ئازابقا تولغان شارابنى ئېلىۋالدىم، ئەمدى سىلەر بۇ قەدەھتىن شاراب ئىچمەيسىلەر.


غەزىپىم ئىمانسىز خەلقلەرنى چەيلىدى، قەھرىم ئۇلارنى مەست قىلدى، قانلىرى يەرگە تۆكۈلدى.»


ئاندىن ئۇلارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى ئېيتقىن: «مەن پات ئارىدا بۇ زېمىندا ياشىغان بارلىق كىشىلەرنى غەرق مەست قىلىۋېتىمەن. داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان پادىشاھلاردىن تارتىپ، تاكى روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ۋە يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن پۇقرالىرىغىچە قاتتىق مەست قىلىمەن.


مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىغا باردىم. ئۇلارنىڭ پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى بۇ غەزەپ شارابىدىن ئىچتى. شۇ كۈندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، ئۇلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئادەملەرنى چۆچۈتىدىغان ھالغا كېلىپ قالدى ھەم مەسخىرە نىشانىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى.


شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا غەزەپ-نەپرىتىمنى ياغدۇردۇم. غەزەپ-نەپرىتىم يېرۇسالېم كوچىلىرى ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىنى ئوتقا ئوخشاش كۆيدۈرىدۇ. ھازىر بۇ شەھەرلەر ۋەيران بولۇپ خارابىلىكتە تۇرماقتا.


ئوڭ قولۇڭدا قۇتقۇز بىزنى قىلىپ بىزگە ئىجابەت، ئۆزۈڭ سۆيگەن بەندىلىرىڭ تاپسۇن شۇندا نىجات.


يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن، ئۇلارغا جاكارلىغىن: ‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى، سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى. سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بەرگەن جازاسىنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق تارتتىڭلار.›»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite