يەشايا 51:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 سېنىڭ جاكارلىشىڭ ئۈچۈن سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا سېلىپ بەردىم، قولۇمنى ساڭا سايە قىلدىم. بىپايان ئاسماننى يېيىپ، زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغانمەن، ھەمدە سىئونغا: ‹سىلەر مېنىڭ خەلقىمسىلەر› دېگەنمەن.» Gade chapit la |
پەرۋەردىگار سىئونغا مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، مەن ساڭا جاۋاب بېرىمەن، نىجاتلىق كۈنى كەلگەندە، مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن. مەن سېنى قوغدايمەن، مەن سېنى خەلقىم بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەمنىڭ ۋاسىتىچىسى قىلىمەن. سەن بۇ يۇرتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىسەن، خارابىلىككە ئايلانغان بۇ زېمىننى قايتىدىن تەقسىم قىلىسەن.
سىئوندىكى ماتەم تۇتقانلارنىڭ ھەسرەت كۈلىنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك تاجنى، ماتەمنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق مېيىنى، مەيۈس روھنىڭ ئورنىغا ھەمدۇسانا تونلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار «ھەققانىيلىق دەرەخلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى پەرۋەردىگار كۆچەت قىلىپ تىككەندۇر.