15 چۈنكى مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، مەن دېڭىز سۈيىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىپ، دېڭىز شاۋقۇنلىرىنى پەيدا قىلالايمەن. ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار› بۇ مېنىڭ نامىمدۇر.
پەرۋەردىگار كۈندۈز ئۈچۈن قۇياش نۇرىنى، كېچە ئۈچۈن ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ياراتتى. ئۇ دېڭىزنى چايقىتىپ، كۈچلۈك دولقۇنلارنى پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
چۈنكى مەن سېنىڭ ياراتقۇچۇڭ، سېنىڭ ئېرىڭدۇرمەن، مېنىڭ نامىم: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار›دۇر. مەن ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا سېنىڭ قوغدىغۇچىڭدۇرمەن. مەن ‹پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ خۇداسى› دەپ ئاتىلىمەن.
بىراق بىزنىڭ ئەجدادىمىز ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا بۇ بۇتلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچىدۇر. بىز ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇرمىز. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.»
دېڭىزدىكى سۇلارنى، تېگى يوق ھاڭلاردىكى سۇلارنى قۇرۇتقان سەن ئەمەسمۇ! قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان خەلقىڭنىڭ ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن، دېڭىزدىن قۇرۇقلۇق پەيدا قىلىپ، يول ئاچقان سەن ئەمەسمۇ!
بىزنىڭ قوغدىغۇچىمىز، ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇر، ئۇنىڭ نامى: قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر!
پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ قىزىل دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئىككىگە بۆلگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.
كۈچۈڭ بىلەن ئىككىگە بۆلگەنىدىڭ دېڭىز سۈيىنى، يارغانىدىڭ ئۇنىڭدىكى ئەجدىھالارنىڭ باشلىرىنى.
سىلەر «ئۆزۈڭلارنى مۇقەددەس شەھەرنىڭ پۇقرالىرى» دەپ ئاتىۋالدىڭلار. سىلەر «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا تايىنىمىز، دەيسىلەر.
ئۇ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن دېڭىزنى تىنچىتالايدۇ، ئەقىل-پاراسىتى بىلەن راخابنى ۋەيران قىلالايدۇ.
سەن دېڭىزنى يېرىپ خەلقىڭگە يول ئېچىپ بەردىڭ. ئۇلار قۇرۇق يول بىلەن دېڭىزدىن ئۆتتى. ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى خۇددى تاشنى سۇغا غەرق قىلغاندەك، چوڭقۇر سۇغا غەرق قىلدىڭ.
مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاڭلار، پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن. ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار.
ئەمرى بىلەن ھۆركىرىتىپ بورانلارنى، پەيدا قىلغانىدى ئۇ دولقۇنلارنى.
سىلەرنى ئۆز خەلقىم قىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلغان ۋاقتىڭلاردا، بۇ ئىشنى مېنىڭ، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانىڭ قىلغانلىقىنى بىلىسىلەر.
چۈنكى بابىلنىڭ زېمىنى ماڭا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشى سادىر قىلىنغان گۇناھلار بىلەن تولدى. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەدىن ۋاز كەچمەيمەن.