14 ئەسىردىكىلەر ئازادلىققا چىقىدۇ، ئۇلار زىنداندا ئۆلمەيدۇ، ئۇلار يېمەكلىككىمۇ زار بولمايدۇ.
سىلەر بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار، بابىللىقلارنىڭ قولىدىن قېچىپ كېتىڭلار. سىلەر بار ئاۋازىڭلار بىلەن تەنتەنە قىلىپ: «پەرۋەردىگار خىزمەتكارى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى قوغدىدى» دەپ، پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاڭلار!
سىلەر بىلەن قۇربانلىقنىڭ قېنى ئارقىلىق تۈزگەن ئەھدەم بولغانلىقى ئۈچۈن، سۈرگۈندىكى خەلقىڭلارنى سۇسىز ئازگالدىن ئازاد قىلىمەن.
ئەي يېرۇسالېم، ئۈستبېشىڭدىكى چاڭ-توزاننى قېقىۋەتكىن. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۆزۈڭنىڭ تەختىگە بېرىپ ئولتۇرغىن. ئەي ئەسىرلىكتە قالغان سىئون خەلقى، بوينۇڭدىكى زەنجىرنى ئۈزۈپ تاشلىغىن.
ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى تارتمايدۇ، قۇياشنىڭ ھارارىتى ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ ئازابلىمايدۇ. مەن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭىمەن، ئۇلارنى بۇلاقلارغا باشلاپ بارىمەن.
شۇنىڭدىن كېيىن، يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكى جەمەت باشلىقلىرى، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خۇدا دىللىرىغا سالغان ئىشنى ئورۇنداش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا سېلىشقا تەييارلاندى.
شۇنداق قىلىپ، يەرەمىيا يوناتاننىڭ ئۆيىدىكى زىنداندا ياتتى. ئۇ بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن قامالدى.
ئۇ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلارغا مۇقىم خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ بىخەتەرلىك، دانالىق ۋە بىلىم مەنبەيىڭلاردۇر. پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك سىلەرنىڭ بايلىقىڭلاردۇر.
گەرچە ئىگىمىز سىلەرگە بالا-قازادىن غىزا ۋە مۈشكۈلاتتىن ئۇسسۇلۇق بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ئۇستازىڭلار خۇدا ئۆزىنى ئەمدى سىلەردىن يوشۇرمايدۇ. سىلەر ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «باتۇرنىڭ قولىدىكى ئولجا چوقۇم تارتىپ ئېلىنىدۇ، زالىمنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئەسىرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ. ساڭا قارشى چىققانلارغا مەن قارشى چىقىمەن، بالىلىرىڭنى مەن قۇتقۇزىمەن.