Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 51:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئەجەبا، كەڭ ئاسماننى يېيىپ، زېمىن ئۇلىنى سالغان، ياراتقۇچى مەن پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ سىلەرنى يوقاتماقچى بولغان زالىملارنىڭ غەزىپىدىن، ھەر ۋاقىت قورقۇپ، ھولۇقۇپلا يۈرەمسىلەر؟ قېنى ئەمدى ئۇ زالىملارنىڭ غەزىپى؟

Gade chapit la Kopi




يەشايا 51:13
56 Referans Kwoze  

زېمىننى بەرپا قىلغان، زېمىندىكى ئىنسانلارنى ياراتقان مەن بولىمەن. مەن ئاسماننى ئۆز قولۇم بىلەن يايدىم، ئاسماندىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ئۆز جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇردۇم.


پەرۋەردىگار ئاسمان گۇمبىزىنىڭ ئۈستىدە ئۆز تەختىدە ئولتۇرىدۇ، زېمىندىكى ئادەملەر خۇددى چېكەتكىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇ ئاسماننى خۇددى پەردىدەك يېيىپ، ئۇنى ماكان قىلىش ئۈچۈن چېدىرغا ئوخشاش قۇرغان.


چۈنكى سىلەر ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزغان خۇدانى ئۇنتۇپ قالدىڭلار، سىلەر پاناھلانغان قورام تاشنى ئۇنتۇپ قالدىڭلار. مەيلى سىلەر ئەڭ ئېسىل دەرەخلەرنى تىككەن بولۇڭلار، ۋە ياكى ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلغان بولۇڭلار،


لىباسىڭدۇر يورۇقلۇق، سەن ئۇنىڭغا پۈركەنگەن، ئاسمىنىڭنىڭ گۈمبىزى چېدىر كەبى تىكىلگەن.


شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ جاۋابىدىن نىبۇكادنەزەرنىڭ قاتتىق غەزىپى كېلىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئۇ خۇمداننى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن يەتتە ھەسسە ئارتۇق قىزىتىشقا پەرمان قىلدى.


مەن ئۆز قولۇم بىلەن بۇ زېمىننىڭ ئۇلىنى سالدىم، مەن ئوڭ قولۇم بىلەن ئاسماننى يايدىم. مەن ئۇلارغا بىرلا چاقىرىق قىلسام، ئۇلار شۇ ھامان تەييار بولىدۇ.


سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا تۆرەلدۈرگەن ۋە قوغداپ كەلگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇرمەن، مەن ئۆزۈم يالغۇز ئاسماننى يايدىم، مېنىڭ ئالەمنى يارىتىشىمغا ھېچكىم شېرىك بولمىدى.


ئۇ ئۆزى يالغۇز ئاسماننى يېيىپ، دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىدە مېڭىپ يۈرىدۇ.


ئۇلار پۈتۈن يەر يۈزىنى كېزىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ بارگاھىنى، يەنى ئۇ سۆيىدىغان شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. لېكىن، ئاسماندىن ئوت يېغىپ، ئۇلارنى كۈل قىلىدۇ.


دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلەر كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەر ئىككىلىسى تۇتۇلدى. ساختا پەيغەمبەر شۇ مۆجىزىلەر ئارقىلىق تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەمدە دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى.


ئۇلار ئۆز يۇرتىنى سېغىنغان بولسا، قايتىپ كېتىش پۇرسىتى بولغان بولاتتى.


«ئەي ئۆلۈم، غەلىبەڭ يوق ئەمدى! ئەي ئۆلۈم، نەشتىرىڭ يوق ئەمدى!»


ئۇنداقتا، قېنى ئۇ، ئىنسان تەرىپىدىن دانا سانالغانلار؟ قېنى ئۇ، ئۆزىنى ئەقىللىق سانايدىغان ئۆلىمالار؟ قېنى ئۇ، بۇ زاماندىكى پەيلاسوپلار؟ خۇدا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟


ھازىر سىلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان مەن تىكلىگەن ھەيكەلگە سەجدە قىلساڭلار، سىلەرنى كەچۈرىمەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، سىلەر ھازىرلا لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قايسى خۇدا سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالايدىكىن قېنى؟ _ دېدى.


پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن زېمىننى ياراتقاندۇر. ئۇ ئۆز دانالىقى بىلەن دۇنيانى بەرپا قىلغاندۇر، شۇنداقلا ئۆز ئەقلى بىلەن ئاسماننى يايغۇچىدۇر.


ياش ئايال زىبۇ-زىننەتلىرىنى، يېڭى كېلىنچەك توي كۆڭلىكىنى ئۇنتۇپ قالامدۇ؟ بىراق مېنىڭ خەلقىم بولغان سىلەر مېنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇنتۇپ قالدىڭلار.


ئاسماننى ياراتقان ۋە ئۇنى يايغان، زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتلەرنى ئاپىرىدە قىلغان، ئىنسانلارغا نەپەس ئاتا قىلىپ، ھاياتلىق بەرگەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆزى تاللىغان خىزمەتكارىغا مۇنداق دەيدۇ:


موئابتىن سەرسان بولۇپ كەلگەن بىزلەرنى ئۆزۈڭلار بىلەن بىللە تۇرۇشقا يول قويۇڭلار، بىزنى گۇمران قىلماقچى بولغانلاردىن قوغداپ قېلىڭلار.» زالىملار چوقۇم يوقىلىدۇ، ۋەيرانچىلىق ئاخىرلىشىدۇ، تاجاۋۇزچىلار زېمىندىن يوقىلىدۇ،


ئۇنىڭغا ئېيتقىن: «ئېھتىيات قىل، جىددىيلەشمە ۋە قورقما. سۈرىيە پادىشاھى رىزىن ۋە رىماليانىڭ ئوغلىنىڭ غەزىپىدىن بوشاپ كەتمە. ئۇلار خۇددى ئوتى ئۆچكەن ئوتۇننىڭ ئىسىدۇر.


خۇدا سېنىڭ غەزىپىڭ ئاشۇرار شۆھرىتىڭنى، كەمەر قىلىپ باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى.


سەنمۇ خۇداغا ئوخشاش تۇچ ئەينەكتەك ئاسماننى يايالامسەن؟


شۇنىڭ بىلەن موردىكاي سانجىلماقچى بولغان خادىغا ھاموننىڭ ئۆزى سانجىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى.


ئۇنىڭ ئايالى زەرەش ۋە ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا: _ سىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 25 مېتىر ئېگىزلىكتە بىر خادا تەييارلىتىڭ ۋە ئەتە ئەتىگەندە پادىشاھتىن موردىكاينى خادىغا سانجىشنى تەلەپ قىلىڭ. شۇنداق قىلغاندا، زىياپەتكە خۇشال-خۇرام بارىسىز، _ دەپ تەكلىپ بېرىشتى. ھامون بۇنى ياخشى مەسلىھەت دەپ بىلىپ، ئېگىز بىر خادا تەييارلاتتى.


ئۇلار تەرك ئەتتى ئۆزلىرىگە ھاياتلىق بەرگەن خۇدانى، ئۇنتۇدى ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاشۇ قورام تاشنى.


ھىرود خۇداغا تەئەللۇق شان-شەرەپنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، خۇدانىڭ پەرىشتىسى شۇئان ئۇنى ئۇردى. نەتىجىدە، ئۇ قۇرتلاپ ئۆلدى.


كىمدىن شۇنچە قورقۇپ، ماڭا يالغان سۆزلەيدىغان بولدۇڭلار؟ مېنى ئۇنتۇدىڭلار، مېنى خىيالىڭلارغىمۇ كەلتۈرمىدىڭلار. مەن ئۇزاقتىن بېرى سۈكۈت قىلغانلىقىم ئۈچۈن، مەندىن قورقمايدىغان بولدۇڭلار!


دىققەت قىلىڭلار، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغان پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!


ئېھتىياتچان بولۇڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ قالماڭلار. مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەر، قانۇن ۋە نىزاملارغا ئەمەل قىلماي قالماڭلار.


بۇ خەلقنىڭ بوينىدىكى ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ تاشلىغانسەن، يەلكىسىدىكى زۇلۇم تايىقىنى ۋە زالىملارنىڭ كالتىكىنى مىدياننى مەغلۇپ قىلغانغا ئوخشاش سۇندۇرۇپ تاشلىغانسەن.


شۇڭا، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئوندا ياشاۋاتقان خەلقىم، ئاسسۇرلارنىڭ مىسىرلىقلارغا ئوخشاش سىلەرنى كالتەك ۋە قامچا بىلەن ئۇرغىنىدىن قورقۇپ كەتمەڭلار.


سىلەر بابىل پادىشاھىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن مەسخىرە قىلسىلەر: بۇ زوراۋان قانداق تۈگەشتى-ھە! ئۇنىڭ مۇشتۇمزورلۇقى قانداق ئاخىرلاشتى-ھە!


ئەجەبا سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ئەجەبا سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟ سىلەرگە باشتىلا دەپ بېرىلمىگەنمۇ؟ ئەجەبا سىلەر زېمىن ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟


ئاسماننى ياراتقان پەرۋەردىگار ئۇ ھەقىقىي خۇدادۇر! ئۇ زېمىننى ياساپ، ئۇنى ياراتتى، ئۇنى مۇستەھكەم قىلدى. ئۇ زېمىننى قۇرۇق قويمىدى، ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن زېمىننى ياراتتى. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر.


مەن ساڭا زۇلۇم سالغانلارغا ئۆز گۆشىنى ئۆزىگە يېگۈزىمەن، ئۇلارنىڭ ئۆز قېنىنى ئۆزىگە ئىچۈرۈپ، خۇددى شاراب ئىچكەندەك مەست قىلىۋېتىمەن. ئەنە شۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ، قوغدىغۇچىڭ ئىكەنلىكىمنى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ.»


سەن ھەققانىيلىق بىلەن قۇرۇلغان بولىسەن، ئەمدى ھېچكىم ساڭا زۇلۇم سالالمايدۇ، قورقۇپ ئەندىكىپمۇ يۈرمەيسەن، چۈنكى ئەمدى ۋەھىمە ساڭا يېقىنلىشالمايدۇ.


پادىشاھ زىدقىيا يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ مەن بابىللىقلارنىڭ تەرىپىگە ئۆتكەن يەھۇدىيەلىكلەردىن قورقىمەن. بابىللىقلار مېنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرسە، ئۇلار مېنى قىينىشى مۇمكىن.


ئۇلار بابىللىقلاردىن قورقاتتى، چۈنكى نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.


پادىشاھ ئالىيلىرى، بىلىپ قالسىلا، ئۇ بىزنى قۇتقۇزمىغان تەقدىردىمۇ، بىز سىلىنىڭ ئىلاھلىرىغا ياكى سىلى تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمايمىز، _ دېدى.


لېكىن ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنتۇدى پەرۋەردىگارنى، راۋا كۆرمىدى ئۆزلىرىگە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى.


ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار، ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قورقماڭلار، مەن سىلەرنى قوغدايمەن. مەن سىلەرنى ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان، سىلەر ماڭا تەئەللۇق.


بىراق بىزنىڭ ئەجدادىمىز ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا بۇ بۇتلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچىدۇر. بىز ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇرمىز. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite