Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 50:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 مانا، ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا مەدەت بەرمەكتە، قېنى، كىم مېنى گۇناھكار دەپ ئېيتالايدۇ؟ قاراڭلار، ئۇلار خۇددى كىيىدىغان كىيىمدەك كونىرايدۇ، ئۇلارنى كۈيە يەپ تۈگىتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 50:9
10 Referans Kwoze  

بەدەنلىرىم خۇددى پورلاشقان ياغاچتەك، كۈيە چۈشكەن كىيىمدەك بولۇپ يوقايدۇ.»


قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە. ئەنسىرىمەڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار. مەن سىلەرنى كۈچلەندۈرىمەن ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىمەن. مەن ھەققانىي، قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى يۆلەيمەن› دېدىم.


بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ، سەن بولساڭ ئەبەدىي ۋە مەڭگۈلۈكسەن. ئۇلار گويا كىيىمدەك كونىرىغاندا، سەن ئۇلارنى كىيىم كەبى ئالماشتۇرىسەن. ئاسمان-زېمىن يوق بولار بىردىنلا.


گۇناھلىرىنى ئەيىبلەپ، جازالىغاندا سەن ئىنساننى، كۈيە چۈشكەندەك يوق قىلىسەن قەدىرلىگەنلىرىنى. بىر تىنىقتۇر خالاس ئىنساننىڭ ئۆمرى. سېلاھ


بايلىقىڭلار چىرىپ كېتىدۇ، كىيىم-كېچىكىڭلارنى كۈيە يەپ كېتىدۇ،


ساڭا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياسالغان ھەرقانداق قورال غەلىبە قىلالمايدۇ، سەن بىلەن دەۋالاشماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ دەۋاسىنى سەن يوققا چىقىرالايسەن. بۇنداق تەلەي مەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارلىرىغا تەئەللۇقتۇر. مەن ئۇلارغا غەلىبە ئاتا قىلىمەن.» مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


كىم مەن بىلەن بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەلەيدۇ؟ ئەگەر بىرەرسى مېنىڭ خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ بېرەلىسە، مەن ئۈنسىز ئۆلۈشكە رازى.


ئى پەرۋەردىگار، سۇناي ساڭا خالىس قۇربانلىقىمنى، بولغاچقا سەن شاپائەتلىك، مەدھىيەلەيمەن نامىڭنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite