Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 50:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئارقا تەرىپىمدىن مېنى ئۇرغانلارغا مەن ئۆزۈمنى تۇتۇپ بەردىم، ساقىلىمنى يۇلغانلارغا يۈزۈمنى تۇتۇپ بەردىم. مېنى ھاقارەت قىلىپ يۈزۈمگە تۈكۈرگەنلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرمىدىم.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 50:6
20 Referans Kwoze  

بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇشت ئاتتى. بەزىلىرى ئۇنى كاچاتلاپ:


بەزىلىرى ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىنى باغلاپ، مۇشت ئېتىپ: «پەيغەمبەر بولساڭ، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟» دېيىشتى. قاراۋۇللارمۇ ئۇنى ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ كاچاتلىدى.


ئاندىن، بېشىغا قومۇش بىلەن قايتا-قايتا ئۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ تۈكۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ، سەجدە قىلىشتى.


ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشتى، قومۇشنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇشتى.


لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز سەۋەبىدىن ئېزىلدى. ئۇنىڭ جازالىنىشى بىلەن بىز تىنچلىققا ئېرىشتۇق، ئۇنىڭ يارىلانغان تېنى بەدىلىگە بىز شىپالىق تاپتۇق.


ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، يېنىدا تۇرغان ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىدىن بىرى ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ: - باش روھانىيغا مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسەن؟ - دېدى.


تەربىيەچىگە تۇتۇپ بەرگىن مەڭزىڭنى، رەت قىلماي ئاڭلىغىن تىل-ئاھانەتلىرىنى.


كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا.


لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەسكى بىلەن تەڭ بولماڭلار. بىرسى ئوڭ يۈزۈڭلارغا ئۇرسا، سول يۈزۈڭلارنىمۇ تۇتۇپ بېرىڭلار.


شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنى قارغىدىم. بەزىلىرىنى ئۇرۇپ، چېچىنى يۇلدۇم. مەن ئۇلارنى بالىلىرىنىڭ يەرلىكلەر بىلەن توي قىلىشىغا يول قويماسلىقى ئۈچۈن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكۈزدۈم.


بۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ھەزرىتى ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى.


ئەي يېرۇسالېم، ھازىرلا قوشۇنۇڭنى، دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ، سېنى قورشىۋالدى. ئۇلار تاياق بىلەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ يېتەكچىسىنىڭ يۈزىگە ئۇرىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋابەن: _ مۇبادا ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرسە، ئۇ يەتتە كۈنگىچە شەرمەندە بولماسمىدى؟! ئۇنى قارارگاھتىن يەتتە كۈن چىقىرىۋېتىڭلار. ئاندىن ئۇنى قايتۇرۇپ كەلسەڭلار بولىدۇ، _ دېدى.


كىشىلەر مېنى مەسخىرە قىلماقتا، يۈزۈمگە شاپىلاق ئۇرۇپ كەمسىتمەكتە، بىرلىشىپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقتا.


ئۇلار مەندىن سەسكىنىدۇ، ماڭا يېقىنلىشىشنى خالىمايدۇ، خالىغانچە يۈزۈمگە تۈكۈرىدۇ.


ھاقارەتلەندىم سەن ئۈچۈن خۇدا، يۈزۈم چۈشۈپ، قالدىم نومۇستا.


يات بولدۇم تۇغقانلىرىمغا، ياققا يۇرتلۇق ئاتالدىم قېرىنداشلىرىمغا.


قوشچى يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرغان كەبى، قامچىدا ئۇلار دۇمبەمگە ئىزلار سالدى.


ئۇ زۇلۇمغا ئۇچرىدى، ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى، لېكىن ئۇ ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى. ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان قوزىدەك، خۇددى يۇڭ قىرقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا ياتقان قويدەك، ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite