5 ئىگەم پەرۋەردىگار قۇلاقلىرىمنى سەزگۈرلەشتۈردى، مەن ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمىدىم.
لېكىن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنىڭ ئاتامنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلسۇن دەپ، ئاتام ماڭا ئەمر قىلغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. تۇرۇڭلار، بۇ جايدىن كېتەيلى.
گەرچە ئۇ خۇدانىڭ ئوغلى بولسىمۇ، ئازاب چېكىش جەريانىدا ئىتائەتمەن بولۇشنى ئۆگەندى.
ئۇ ئىنسان قىياپىتىدە ياشاپ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، تاكى ئۆلگۈچە خۇداغا ئىتائەتمەن بولدى. ئۇ ھەتتا كرېستكە مىخلانغاندىمۇ شۇنداق قىلدى.
ئۇ چاغدا ئەمالارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىدۇ، گاسلارنىڭ قۇلاقلىرى ئاڭلايدۇ.
مېنى ئەۋەتكۈچى مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ مېنى ھەرگىز يالغۇز قويمىدى، چۈنكى مەن ھەمىشە ئۇنى خۇش قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن.
ئەگەر ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە بولغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە بولىسىلەر.
ۋە سەل نېرىراق بېرىپ، يەرگە باش قويۇپ دۇئا قىلىپ: - ئى ئاتا، مۇمكىن بولسا بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن، بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، - دېدى.
سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلمەيسىلەر، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان. سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلار ئەزەلدىن ئېچىلىپ باقمىغان. مەن سىلەرنىڭ ئىنتايىن مەككارلىقىڭلارنى بىلىمەن، سىلەر بۇرۇندىن باشلاپلا ماڭا قارشى چىقتىڭلار.
ئى ئاگرىپا خان، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن خۇدادىن كەلگەن غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن ھەزرىتى ئەيساغا قاتتىق ئىتائەت قىلدىم.
بىزلەر ھەرگىز سەندىن ئايرىلمايمىز شۇندا، گۈللەتكىن بىزنى، ئىبادەت قىلىمىز ساڭا.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەنىدى: «ئۇلار توغرا دەيدۇ.