Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 50:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا ئەقىل-پاراسەت بېرىپ، چارچىغانلارغا قانداق سۆزلەر بىلەن مەدەت بېرىشنى ئۆگەتتى. ھەر كۈنى سەھەردە ئىگەم مېنى ئويغىتىدۇ، مېنى شاگىرتقا ئوخشاش دىققەت بىلەن ئاڭلىسۇن دەپ، قۇلاقلىرىمنى ئاچتى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 50:4
31 Referans Kwoze  

چۈنكى، مەن سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار قارشى چىقالمىغۇدەك ۋە رەت قىلالمىغۇدەك سۆز قابىلىيىتى ۋە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن.


ئاندىن پەرۋەردىگار قولىنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: _ مانا، مەن سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا سېلىپ قويدۇم!


جايىدا قىلىنغان سۆزلەر، كۈمۈش تاۋاققا تىزىلغان ئالتۇن ئالمىلاردەكتۇر.


جايىدا بېرىلگەن جاۋاب كىشىنى خۇش قىلۇر، دەل ۋاقتىدا قىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر!


پەرياد قىلىمەن مەدەت تىلەپ سۈبھىدە، ئۈمىدىمنى باغلىغاچقا پەقەت سېنىڭ سۆزۈڭگە.


مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى ئاڭلىغۇم بار تاڭ سەھەردە، چۈنكى مەن پەقەت ساڭا تايانغانمەن. مېڭىشىم زۆرۈر بولغان يولنى ئۆزۈڭ بىلدۈر ماڭا، چۈنكى مەن ۋۇجۇدۇمدىن پەقەت ساڭا تەلمۈرگەنمەن.


ئېھ پەرۋەردىگار، ئاڭلايسەن سەھەردە ئاۋازىمنى، تاڭ بىلەن تەڭ ئىلتىجا قىلىپ كۈتىمەن جاۋابىڭنى.


بۇنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشتى. بىراق، بەزىلەر: - قانداق گەپ؟ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى.


ئۆز يۇرتىغا كەتتى ۋە ئۆز يۇرتىدىكى ئىبادەتخانىدا خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغان خەلق ھەيران بولۇپ: - بۇ ئادەمنىڭ بۇنچىۋالا ئەقىل-پاراسىتى ۋە مۆجىزە يارىتىش قۇدرىتى نەدىن كەلگەندۇ؟


ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي.


ھەزرىتى ئەيساغا ھېچكىم گەپ قايتۇرالمىدى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى.


ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى: - ھېچكىم ھېچقاچان بۇ ئادەمدەك سۆزلىگەن ئەمەس! - دەپ جاۋاب بېرىشتى.


ئەڭ كېلىشكەن ئادەمسەن ئىنسانلار ئارىسىدا، لەۋلىرىڭدىن تۆكۈلەر شەپقەتلىك سۆزلەر، مەڭگۈلۈك بەخت ئاتا قىلغاندۇر خۇدا ساڭا.


ئى پەرۋەردىگار، نالە قىلىمەن ساڭا، ھەر سەھەردە قىلىپ دۇئا.


مۈكچەيتەر غەم-ئەندىشە كىشىنى، خۇش قىلار بىر ئېغىز ياخشى سۆز ئادەمنى.


تەلىملىرىم پۈتۈلگەن يازمىلىرىمنى ئوراپ قويغىن، شاگىرتلىرىمغا ئېيتىلغان بۇ تەلىملىرىمنى پېچەتلەپ قويغىن.


ئۇلار خۇدا توغرۇلۇق: «ئۇ كىمگە ئەقىل ئۆگىتىدۇ؟ ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى كىم چۈشىنىدۇ؟ ئەمچەكتىن ئەمدىلا ئايرىلغان، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئەمدىلا چىققان گۈدەكلەرگە سۆزلەۋاتامدۇ؟


ھەر قېتىم بالايىئاپەت كەلگەندە، سىلەرنى يالماپ كېتىدۇ. شۇنداق، ھەر كۈنى سەھەر ئۇ يامراپ كېلىدۇ. ئۇ كېچىسىمۇ، كۈندۈزىمۇ كېلىدۇ.» ئەگەر سىلەر بۇ سۆزلەرنى چۈشەنگەن بولساڭلار، ۋەھىمىگە چۈشكەن بولاتتىڭلار!


ئۇ چاغدا ئەمالارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىدۇ، گاسلارنىڭ قۇلاقلىرى ئاڭلايدۇ.


ئۇ چارچىغان كىشىلەرگە مادار بېرىدۇ، ئاجىزلارغا كۈچ بېرىدۇ.


قېنى، ئاراڭلاردا كىم پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىپ، ئۇنىڭ خىزمەتكارىغا بويسۇنىدۇ؟ زۇلمەتتە يۈرگەنلەر، يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولغانلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئۈمىد باغلىسۇن، خۇداغا تايانسۇن.


بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە مەن پەرۋەردىگار ئۆزۈم تەربىيە بېرىمەن. ئۇلار تىنچ-ئامان ھايات كەچۈرىدۇ.


چۈنكى مەن چارچىغانلارغا ئاراملىق، ئاجىزلارغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلىمەن.»


پادىشاھ ھەر كۈنى ئەتىگەندە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلاندىن بىرنى ماڭا ئاتاپ ئېلىپ كەلسۇن.


شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەنىدى: «ئۇلار توغرا دەيدۇ.


مەن ئۇلارنىڭ ئىسرائىل قېرىنداشلىرىدىن ساڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تاللاپ، سۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويىمەن. ئۇ مېنىڭ بارلىق سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈزىدۇ.


سۆزلىرىڭ يىقىلغانلارنى يۆلىدى، ئاجىز تىزلارنى مەزمۇت قىلدى.


شۇڭا دېدىم: «مەن كەلدىم مانا، پۈتۈلگەندۇر مەن ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite