4 مەن ئۈزۈمزارلىقىم ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلدىم! يەنە نېمە قىلىشىم كېرەك ئىدى؟ ئۈزۈملەرنىڭ ياخشى چىقىشىنى ئارزۇ قىلغانىدىم، بىراق نېمە ئۈچۈن ئۈزۈملەر ناچار چىقتى؟
- ئەي يېرۇسالېملىقلار! پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار! گويا مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، مەنمۇ سىلەرنى قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مەندىن شۇنچە يىراقلاپ كەتكۈدەك، مەندىن قانداق ئەيىب تېپىۋالغانىدى؟ ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئەرزىمەس قىلىۋالدى.
ئەي يېرۇسالېم، بۇزۇقچىلىقىڭ سېنى بۇلغاپتۇ، مەن ئەسلى سېنى پاكلىماقچى بولغانىدىم، لېكىن سەن پاكلىنىشنى خالىمىدىڭ. شۇڭا مەن ساڭا غەزەپ قىلمىغۇچە، سەن مەينەتچىلىكىڭدىن تازىلانمايسەن.
نېمىدېگەن تاياق قېپى خەلقسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن قارشىلىشىشنى توختاتمايسىلەر؟ باشلار يارىلانغان، يۈرەكلەر مادارىدىن كەتكەن.
مەن سىلەرنى ئەلا كۆچەتتەك تىككەنىدىم، سىلەر ئەڭ ياخشى ئۇرۇقتىن ئۆسكەنىدىڭلار. نېمە ئۈچۈن سىلەر ھېچنېمىگە يارىمايدىغان ياۋا ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭلار؟
ئەجدادلىرىڭلار مىسىردىن ئايرىلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، سىلەرگە خىزمەتكارىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم.
لېكىن ھېچقايسىڭلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ھەتتا ئېتىبارمۇ قىلمىدىڭلار. سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ جاھىل ۋە ئاسىي بولدۇڭلار.»
بىر سېۋەتتىكىسى تۇنجى پىشقان ناھايىتى ياخشى ئەنجۈرلەر ئىدى. يەنە بىر سېۋەتتىكىسى ناھايىتى ناچار ئەنجۈرلەر بولۇپ، يېگىلىمۇ بولمايتتى.
پۈتۈن چىراغدان، يەنى ئۇنىڭ بارلىق بېزەكلىرى بىرلا پارچە ئالتۇندىن سوقۇلغانىدى.
ئىسرائىلىيە بۈك-باراقسان ئۈزۈمزارلىق ئىدى. ئۈزۈمدىن شۇنچە كۆپ ھوسۇل ئالاتتى. ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۈزۈمدىن قانچە كۆپ ھوسۇل ئالغانچە، بۇتلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدى. يېرىدىن چىققان مەھسۇلاتلىرى قانچە مول بولغانسېرى، ئۇلار بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى شۇنچە بېزىدى.