يەشايا 5:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى30 ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىدە ھۆركىرەيدۇ، ئۇ ئاۋاز خۇددى دېڭىز شاۋقۇنىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر كىمكى ئۇ زېمىنغا باقسا، ئۇ زۇلمەت ۋە ئازابنى كۆرىدۇ، يورۇقلۇقمۇ قارا بۇلۇتلاردىن خىرەلىشىدۇ. Gade chapit la |
يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىي چۆللۈكىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى ۋەھىي: «يەھۇدىيەنىڭ ئەلچىلىرى ئېشەكلەرگە بايلىقلارنى ئارتىپ، تۆگىلەرگە خەزىنىلىرىنى يۈكلەپ، شىرلار ۋە زەھەرلىك يىلانلار ماكانلاشقان خەتەرلىك زېمىنلاردىن ئېغىر مۈشكۈلات ۋە جاپالار بىلەن ئۆتۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچىمۇ ياردەم قىلالمايدىغان بىر دۆلەتكە ئاپىرىپ بېرىدۇ.