Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 5:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 ئۇلار شىردەك ھۆركىرەيدۇ، غالجىر شىردەك ھۇۋلايدۇ. ئۇلار ھۆركىرەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئېتىلىدۇ، ئۇنى ئېلىپ ماڭغاندا، ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزالمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 5:29
20 Referans Kwoze  

پادىچىلارنىڭ يىغا-زارلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇنبەت يايلاقلىرى نابۇت قىلىندى. شىرلارنىڭ ھۆركىرەشلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللار نابۇت قىلىندى.


ياقۇپنىڭ ئامان قالغان ئەۋلادلىرى ئەللەر ئارىسىغا، يەنى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىغا، خۇددى ئورماندا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى شىردەك، قويلار ئارىسىغا ئېتىلىپ كىرگەن ياش شىردەك بۆسۈپ كىرىپ، ئولجىلىرىنى پارە-پارە قىلىپ تاشلايدۇ. ھېچكىم ئولجىلارنى قۇتقۇزالمايدۇ.


ئەمما بۇ بويسۇنماس خەلق تالان-تاراج قىلىنىدۇ، تۇزاقلارغا چۈشىدۇ، زىندانلارغا قامىلىدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قوغدىمىغانلىقتىن ئۇلار ئولجا بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئولجىلارنى «قويۇپ بەر!» دەيدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ.


ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھۆركىرىگەن شىرلارغا ئوخشايدۇ. سوراقچىلىرى بىر تال سۆڭەكنىمۇ ئەتىگە قالدۇرمايدىغان ئاچ بۆرىلەردەكتۇر.


ئەنە، شىر ھۆركىرەۋاتىدۇ! كىم قورقماي تۇرالايدۇ؟ ئەنە، ئىگىمىز پەرۋەردىگار سۆزلەۋاتىدۇ! كىم ئۇنىڭ ۋەھىيلىرىنى جاكارلاشنى رەت قىلالايدۇ؟


بىر كۈنى خەلقىم ماڭا ئەگىشىدۇ، مەن شىردەك ھۆركىرەيمەن. ھۆركىرىگىنىمدە، پەرزەنتلىرىم غەرب تەرەپتىن تىترىگەن ھالدا كېلىشىدۇ.


بابىللىقلار ھۆركىرەۋاتقان شىرلارغا، ئوزۇق تالىشىدىغان شىر بالىلىرىغا ئوخشاپ قالىدۇ.


ئىسرائىل خەلقى خۇددى شىرلار قوغلاپ يۈرگەن قويلارغا ئوخشايدۇ. دەسلەپتە ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى. ھازىر، يەنى ئەڭ ئاخىرىدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى غاجىدى.


ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللىقلاردىن تۇيۇقسىز چىقىپ، ئوتلاقتىكى قويلارنى قوغلىغان شىرغا ئوخشاش، ئىدوملۇقلارنى زېمىنىدىن تۇيۇقسىز قوغلاپ چىقىرىمەن. ئۆزۈم تاللىغان بىر ئادەمنى ئۇ خەلققە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلەيمەن. ماڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ كىم مەن بىلەن بەسلىشەلىسۇن؟ قايسى يېتەكچى ماڭا قارشى تۇرالىسۇن؟


شىر ئۇۋىسىدىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، خەلقلەرنى ۋەيران قىلغۇچى يولغا چىقتى. ئۇ كېلىپ، سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلماقچى. شەھەرلىرىڭلار ۋەيران قىلىنىدۇ ۋە ئۇ يەرلەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «شىرلار ئۆزى ئۆلتۈرگەن ئولجىنىڭ ئۈستىدە ھۆركىرەيدۇ. شىر ئۆزىنى قوغلىۋەتمەكچى بولغان قويچىلارنىڭ ۋارقىراشلىرىغا پىسەنت قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ سۈرەن سېلىشلىرىدىن قورقۇپ قالمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىئون تېغىغا چۈشۈپ، ئۇرۇش قىلىمەن.


مەن ئاسسۇرلارنى ئىتائەتسىز خەلقنى جازالاشقا ئەۋەتىمەن، مېنى غەزەپلەندۈرگەن بۇ ئىسرائىل خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيمەن. ئاسسۇرلار ئۇلارنى بۇلاپ، مال-مۈلۈكىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقنى پېتىقلىغاندەك پېتىقلايدۇ.


ئەي مېنى ئۇنتۇغانلار، ياخشى ئويلاڭلار قىلمىشىڭلارنى، بولمىسا بىتچىت قىلىۋېتىمەن ھەممىڭلارنى. ئۇ چاغدا ھېچكىم قۇتقۇزالماس سىلەرنى.


ئۇلار سوزۇلۇپ ياتقان ئەركەك شىرغا ھەم چىشى شىرغا ئوخشايدىغان تۇرسا، كىممۇ ئۇلارنى ئويغىتىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالىسۇن؟ ئۇلارغا بەخت تىلىگەنلەر بەخت تاپقاي، ئۇلارنى قارغىغانلار قارغىشقا قالغاي.»


يەھۇدا دۈشمىنىگە ياش شىردەك ئېتىلىدۇ. ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كېلىدۇ ئۇۋىسىغا. سوزۇلۇپ ياتسا ئۇۋىسىدا، كىممۇ جۈرئەت قىلار ئويغىتىشقا؟


بۇ يولدا شىرلار ۋە قورقۇنچلۇق ھايۋانلار يوق. ئۇلارنى بۇ يەردىن تاپقىلى بولمايدۇ. پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەرلا بو يولدا ماڭالايدۇ.


سەن ياشلىقىڭدىن تارتىپ باردى-كەلدى قىلىپ كەلگەن بۇ مۇنەججىملىرىڭ ئەمدى ساڭا ياردەم قىلالمايدۇ. ئۇلار ھەممىسى ئۆز يوللىرىغا كېتىدۇ، سېنى قۇتقۇزىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمايدۇ.»


نىنەۋى شەھىرىگە نېمە بولغاندۇ؟ ئۇ شىرلار ئۇۋىسىغا ئوخشاش ئىدىغۇ! ئۇ يەردە ياش شىرلار غىزالىناتتى، ئارسلانچاقلار ئەركەك ۋە چىشى شىر بىلەن بىخەتەر ياشايتتى.


سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار شىردەك ھۆركىرەيدۇ، ئۇلار غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىشتى. ئۇلار زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلدى. شەھەرلىرىڭلار كۆيدۈرۈلۈپ، ھېچكىم ھايات قالمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite