Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 5:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى ئۆتكۈر بولۇپ، ساداقلىرىنىڭ كىرىچى چىڭ تارتىلغان. ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى چاقماق تاشتەك قاتتىق، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى قۇيۇندەك پىرقىرايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 5:28
17 Referans Kwoze  

ئۆتكۈر ئوقلىرىڭ سانجىلار يۈرىكىگە رەقىبلىرىڭنىڭ، دۈشمەنلىرىڭ يىقىلار ئاستىغا ئاياغلىرىڭنىڭ.


قۇلاققا ئاڭلىنىپ تۇرار، قامچىلارنىڭ تاراسلاشلىرى، چاقلارنىڭ جاراق-جۇرۇقلىرى، ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاراقلاشلىرى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئون خەلقى، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، دۈشمىنىڭلارنى يانجىڭلار! سىلەرگە تۆمۈر مۈڭگۈز، تۇچ تۇياق ئاتا قىلىمەن، سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى يانجىپ، ۋەيران قىلىسىلەر. ئۇلارنىڭ بايلىقىنى، يەنى ناتوغرا يول بىلەن توپلىغان بايلىقىنى مەن پەرۋەردىگارغا، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىگە ھەدىيە قىلىسىلەر.»


دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ تۇياق ئاۋازى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئۇنىڭ چاقلىرىنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. قورققىنىدىن مادارسىزلانغان ئاتىلار بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ كەينىگە قايتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.


ئۇلارنىڭ جەڭچىلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى كۈچلۈكتۇر. ئوقيالىرى ئۆلۈم ئەلچىلىرىدۇر.


بۇ دېڭىز بويىدىكى قۇملۇق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: نەگېب چۆللۈكىدە بوران چىققاندەك، چۆللۈكتىن، يەنى ۋەھشىيلەرنىڭ زېمىنىدىن تاجاۋۇزچى كېلىدۇ.


باتۇرلارنىڭ ئوقلىرى تېگەر، ئارچىلارنىڭ چوغلىرى كۆيدۈرەر.


توختىماي چېپىپ سىسىرانىڭ تۇلپارلىرى، تىترەتتى تۇياقلىرى گۈلدۈرلەپ يەر-زېمىننى.


ئۇلار ئوقيالىرى بىلەن يىگىتلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئۇلار بوۋاقلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، بالىلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ.»


قاراڭلار، پەرۋەردىگار ئوت ئىچىدە چۈشمەكتە، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قۇيۇندەك كەلمەكتە، ئۇ غەزەپ بىلەن قىساس ئالىدۇ، ئوت يالقۇنى بىلەن جازالايدۇ.


قاراڭلار، دۈشمەن قارا بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ. ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قۇيۇندەك كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېز چاپىدۇ. ھالىمىزغا ۋاي! بىز ۋەيران بولىمىز!


جەڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى كوچىلىرىڭنى چەيلەيدۇ. ئۇ قىلىچى بىلەن خەلقىڭنى ئۆلتۈرىدۇ، مەزمۇت تۈۋرۈكلىرىڭنى يىقىتىدۇ.


سەن نۇرغۇن ئەللەردىن تەشكىللەنگەن قوشۇنۇڭ بىلەن بوران-چاپقۇندەك كېلىسەن. سېنىڭ قوشۇنۇڭ خۇددى قارا بۇلۇت زېمىننى قاپلىغاندەك قاپلايدۇ.


زامان ئاخىرى بولغاندا جەنۇبتىكى پادىشاھ شىمالدىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالدىكى پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، چەۋەندازلىرى ۋە كېمىلىرىنى ئىشلىتىپ، كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى خۇددى كەلكۈندەك ھەممە يەرنى باسىدۇ. ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بېسىۋالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite