Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 5:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 ئۇ يىراقتىكى ئەللەرگە تۇغ كۆرسىتىدۇ، ئۇ پۇشتەك چېلىپ دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكىلەرنى چاقىرىدۇ. مانا بۇ ئەللەر تېز ھەم ئۇچقاندەك كېلىدۇ!

Gade chapit la Kopi




يەشايا 5:26
23 Referans Kwoze  

مەن ئىسقىرتىپ، ئۇلارنى يىغىمەن. ئۇلارنى چوقۇم قۇتقۇزىمەن. ئۇلارنىڭ سانى بۇرۇنقىدەك كۆپ بولىدۇ.


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگار مىسىر ۋە ئاسسۇر قوشۇنلىرىنى پۇشتەك چېلىپ چاقىرىپ كېلىدۇ. ئۇلار خۇددى چىۋىن ۋە ھەرىلەردەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، زېمىنىڭغا يېپىشىدۇ.


ئەي دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر، زېمىندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەر، سىلەر تاغدا كۆتۈرۈلگەن بىر تۇغنى كۆرگەندە ئاگاھ بولۇڭلار! سىلەر قوچقار مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بۇرغىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، ئاگاھ بولۇڭلار!


پەرۋەردىگار بىر ئەلنى ناھايىتى يىراقتىن ئاتلاندۇرىدۇ. ئۇلار خۇددى بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ كېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيسىلەر.


پەرۋەردىگار شۇ ئەللەردە تۇغ چىقىرىپ، سۈرگۈن قىلىنغان ئىسرائىللارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئۇ يەھۇدىيەنىڭ چېچىلىپ كەتكەن خەلقىنى يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن يىغىپ كېلىدۇ.


كۈنچىقىشتىن تارتىپ كۈنپېتىشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەلقلەر مېنىڭ نامىمنى ئۇلۇغلايدۇ. ھەممە يەردە مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىسرىق سالىدۇ ۋە پاك ھەدىيەلەرنى سۇنىدۇ. مېنىڭ نامىم پۈتكۈل خەلقلەر ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىدۇ.


ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزدىن تېز، گۇگۇمدىكى ئاچ بۆرىدىن ھوشياردۇر. ئۇلارنىڭ ئاتلىقلىرى يىراقتىن چېپىشىپ كېلىدۇ ۋە خۇددى بۈركۈتتەك ئولجىلىرىغا تاشلىنىدۇ.


ئۇلار ھۇجۇم قىلىۋاتقان باتۇرلارغا، سېپىلغا يامىشىۋاتقان لەشكەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار سەپ بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، سەپلىرىنى قەتئىي بۇزمايدۇ.


بۈركۈتتىن تېزدۇر بىزنى قوغلىغۇچىلار، تاغلاردا بىزنى قوغلاپ كېلەر، بۆكتۈرمە قويۇپ چۆلدە، كۈتۈپ تۇرار.


دۇنيادا جەڭ تۇغلىرى كۆتۈرۈلسۇن! بۇرغا چېلىنىپ، ئەللەر جەڭگە چاقىرىلسۇن. ئۇلار بابىلغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن. ئارارات، مىننى ۋە ئاشكىنازنىڭ پادىشاھلىقلىرى جەڭگە چاقىرىلسۇن. يېتەكلەيدىغان سەردار تەيىنلەنسۇن. بابىلغا قارشى توپ-توپ چېكەتكىلەردەك ئاتلار ئەۋەتىلسۇن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلاڭلار، ئىسرائىل خەلقى! مەن سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن بىر خەلقنى يىراقتىن ئېلىپ كېلىمەن. ئۇ تارىخى ئۇزۇن بىر قەدىمىي خەلق. بۇ خەلقنىڭ تىلىنى سىلەر بىلمەيسىلەر. ئۇلار سىلەر چۈشەنمەيدىغان تىللاردا سۆزلەيدۇ.


قاراڭلار، دۈشمەن قارا بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ. ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قۇيۇندەك كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېز چاپىدۇ. ھالىمىزغا ۋاي! بىز ۋەيران بولىمىز!


يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ ئۇلار نېمە دېدى، قەيەردىن كەپتۇ؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھ خىزكىيا جاۋاب بېرىپ: _ ئۇلار يىراقتىكى بابىلدىن كەلگەنىكەن، _ دېدى.


سىلەر: ‹ياق! بىز ئاتلىرىمىز بىلەن قاچىمىز› دەيسىلەر. شۇنداق، سىلەر قاچىسىلەر. سىلەر دەيسىلەر: ‹بىز تېز چاپىدىغان ئاتلىرىمىزغا مىنىمىز›. شۇنداق، لېكىن سىلەرنى قوغلىغانلار تېخىمۇ تېز چاپىدۇ.


ئۇلار يىراق يەردىن كېلىدۇ، زېمىننىڭ ئۇ چېتىدىن كېلىدۇ. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ غەزەپلىك قوراللىرى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، پۈتۈن زېمىننى گۇمران قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن تاقىر تاغدا تۇغ تىكلەڭلەر، قوللىرىڭلارنى پۇلاڭلىتىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇلارغا چاقىرىق قىلىڭلار. ئۇلار شاھزادىلەرنىڭ ئوردا دەرۋازىلىرىغا ھۇجۇم قىلسۇن!


ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغاي دېڭىزدىن ئوكيانغىچە، فىرات دەرياسىدىن زېمىننىڭ چېتىگىچە.


ئەمما تىكلىدىڭ بەلگە تۇغى ساڭا ئىخلاسى بارلارغا، پاناھلانغاي دەپ ياۋ ئوقيالىرىدىن قېچىپ ئۇنىڭغا. سېلاھ


سىلەرنى جازالايدىغان كۈن كەلگەندە، يىراقتىن بالا-قازا كەلسە قانداق قىلارسىلەر؟ كىمنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، ياردەم تىلەيسىلەر؟ يىغقان مال-مۈلۈكۈڭلارنى قەيەرگە قويارسىلەر؟


مەن ئۆزۈم تاللىغان قوشۇنۇمغا پەرمان قىلدىم، غەزىپىمنى ياغدۇرۇش ئۈچۈن لەشكەرلىرىمگە چاقىرىق قىلدىم. لەشكەرلىرىم پەخىرلىنىپ، غەلىبەمدىن شادلىنىدۇ.»


قۇلاق سېلىڭلار تاغلاردىن كەلگەن سادالارغا، ئۇ غايەت زور خەلقنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىگە ئوخشايدۇ، قۇلاق سېلىڭلار پادىشاھلىقلاردىكى نەرە تارتقان ئاۋازلارغا، نۇرغۇن ئەللەرنىڭ بىرلىشىشدىن يىغىلغان ئاۋازلارغا، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇرۇش ئۈچۈن قوشۇن توپلاۋاتىدۇ.


ئۇلارنىڭ ئەڭ جەسۇر لەشكەرلىرىمۇ قورقۇنچتىن تىترەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇرۇش تۇغىنى كۆرگەندە قېچىپ كېتىدۇ.» مانا بۇلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى سىئون تېغىدا لاۋىلدىسا، ھالاكەت ئوتى يېرۇسالېمدىدۇر.


مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ئەي گوگ، مەن ئىلگىرى خىزمەتكارلىرىم، يەنى ئىسرائىلىيەدىكى پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق سەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەن ئەمەسمىدىم، ئۇلار سېنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىڭ ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىشمىگەنمىدى!؟›


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite