Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 5:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 ھاراق ئىچىشتە باتۇرلۇق قىلغانلارنىڭ، ھاراقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشتە نوچىلىق قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

Gade chapit la Kopi




يەشايا 5:22
14 Referans Kwoze  

قاق سەھەردە تۇرۇپ، ئاچچىق بوزىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ، كېچىچە مەي ئىچىپ غەرق مەست بولغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قوشنا ئەللەرگە شاراب ئىچكۈزگەنلەر! سىلەر ئۇلارنىڭ يالىڭاچ ھالىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا تۇلۇملاپ شاراب ئىچكۈزدۈڭلار.


لېكىن، پەيغەمبەرلەر ۋە روھانىيلار شاراب بىلەن مەست بولىدۇ، ئۇلار كۈچلۈك شارابلارنى ئىچىپ، ئىرغاڭلاپ يۈرۈشىدۇ. ئۇلار شاراب بىلەن مەست بولۇپ، قايمۇقۇپ قالىدۇ. ئۇلار دەلدەڭشىپ يۈرۈشىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىگە كەلگەن ۋەھىيلەرنى چۈشىنەلمەيدۇ، روھانىيلار خاتا ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىدۇ.


ئۇلار: «كېلىڭلار، مەن ھاراق ئەكېلەي، قانغۇچە ھاراق ئىچەيلى، ئەتىمۇ بۈگۈنكىگە ئوخشاش بولىدۇ، ھەتتا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دەيدۇ.


پارا ئالماڭلار، چۈنكى پارا ئەقىل كۆزۈڭلارنى خىرەلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ.


شاراب مەسخىرىچى، ھاراق جېدەل-ماجىراچى، ئەقىلسىزدۇر ھەربىر ھاراق-شاراب ئىچىپ ئازغۇچى.


كىملەر ئازاب-قايغۇدا؟ كىملەر جېدەل چىقىرار، زارلىنار؟ كىملەر سەۋەبسىز يارىلىنار؟ كىمنىڭ كۆزى مەيدىن قىزىرار؟


ئەي لىمۇئېل، لايىق ئەمەس شاراب پادىشاھلارغا، ياراشماس مەيگە بېرىلىش ھۆكۈمدارغا.


ئويلاپ كۆرۈڭلار! لېكىن سىلەر شاد-خۇرام ھالدا تاماشا قىلىپ يۈردىڭلار، كالا-قويلارنى سويۇپ، ئېسىل تائاملارنى يەپ، شارابلارنى ئىچىپ يۈردىڭلار! سىلەر شۇنداق دېگەن: «يەيلى، ئىچەيلى، ئەتە بەرىبىر ئۆلىمىز!»


ئۇلار ئەمدى ناخشا ئېيتىپ، شاراب ئىچەلمەيدۇ. مەي ئىچكۈچىلەرگە مەي لاۋزا تېتىيدۇ.


چۈش ۋاقتىدا بەنھاداد ۋە ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغان 32 بەگ ئۆزلىرىنىڭ چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىشىپ، مەست بولۇشۇپ ئولتۇرۇشاتتى، ئىسرائىلىيەلىكلەر ھۇجۇمغا ئاتلاندى.


چۈنكى ئۇلار شاراب ئىچىپ، ئۇنتۇپ قالار قانۇننى، بۇرمىلىۋېتەر ئېزىلگەنلەرنىڭ ھوقۇقىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite