يەشايا 5:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 ئۆزىنى دانا دەپ بىلگەنلەرنىڭ، ئۆزىنى زېرەك ھېسابلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! Gade chapit la |
قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى يەھۇدىيلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، مۇنداق بىر سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن. بۇ سىر بولسا: بىر قىسىم ئىسرائىللار خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىنى ھازىرغىچە تەرسالىق بىلەن رەت قىلسىمۇ، بىراق بۇ ئەھۋال پەقەتلا قۇتقۇزۇلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە داۋاملىشىدۇ.
پادىشاھ ماختىنىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆز قۇدرىتىم بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلدىم، ئۆز ئەقلىم بىلەن بۇ ئىشلارنى پىلانلىدىم، مەن شۇنداق ئەقىللىقتۇرمەن! دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پاسىللارنى يوقاتتىم، ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسىنى تارتىۋالدىم. مەن خۇددى غايەت كۈچلۈك پالۋانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ تەختتىكى پادىشاھلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدىم.