يەشايا 5:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 ئۇ ئاغدۇرۇپ يېرىنى، تېرىپ تاشلاپ تاشلىرىنى، تىكتى ئۇ يەرگە سورتلۇق ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى. ياسىدى ئۇ يەرگە بىر كۆزەت كەپىسى، ھەتتا قازدى ھەم بىر شاراب كۆلچىكى. كۈتكەنىدى ئۇ، بۇ يەردىن ياخشى ھوسۇلنى، بىراق ناچار چىقتى ئۇنىڭ ئۈزۈملىرى.» Gade chapit la |
ئۇ كۈنلەردە مەن بەزى يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە ئۈزۈم ئېزىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئادەملەرنىڭ يەنە ئاشلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئېشەكلىرىگە ئارتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىدە شاراب، ئۈزۈم، ئەنجۈر ۋە ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى بۇ كۈندە مەھسۇلاتلىرىنى ساتماسلىققا ئاگاھلاندۇردۇم.
مەن خەلقىم ئىسرائىللارغا بىر جاي تاللاپ بېرىمەن ۋە ئۇلارنى ئۇ يەردە مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. ئۇلار ئۆز ماكانىدا بىخەتەر ياشايدۇ. مەن سەردارلارنى خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن ئاشۇ زاماندىن تارتىپ باشلانغان رەزىللەرنىڭ خەلقىمگە زۇلۇم قىلىشى ئەمدى توختايدۇ. مەن سېنى بارلىق دۈشمەنلىرىڭدىن تىنچ-ئامان ساقلايمەن. ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى جاكارلايمەنكى، مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىمەن.