Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 5:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئۇلار خۇدانى مەسخىرە قىلىپ: «قېنى تېز بولسۇن، ئۇ قىلىدىغىنىنى تېز قىلسۇن، بىز كۆرەيلى! ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇنچۇ، بىز بىلەيلى!» دەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 5:19
13 Referans Kwoze  

_ ئەي ئادەم بالىسى، سىلەر ئىسرائىللاردا: «ۋاقىت كېتەر، بېشارەت يوقار» دەپ بىر ماقال بار.


كىشىلەرنىڭ ماڭا نېمە دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغىن. ئۇلار: ‹قېنى پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە سالغان تەھدىتلىرى؟ نېمە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!› دېيىشىۋاتىدۇ.


ئۇلار «ماڭا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى» دېگەن يالغان سۆزىنى توختاتسۇن. چۈنكى كىشىلەر شۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنىڭ نوپۇزىنى تىكلىمەكچى. ئۇلار مەن خۇدانىڭ، يەنى مەڭگۈ ھايات قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلىدى.


_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىللار مۇنداق دېيىشىدۇ: «ئۇنىڭ كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلىرى كۆپ يىللاردىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلاردۇر. ئۇنىڭ بېشارەتلىرى يىراق كەلگۈسى ھەققىدىدۇر.»


ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىممۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاش ئۈچۈن ھۇزۇرۇمدىكى يىغىلىشقا قاتنىشىپ باققان؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىممۇ سۆزلىرىمگە كۆڭۈل قويۇپ، قۇلاق سالغان؟


ئەي پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغانلار، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان قېرىندىشىڭلار سىلەرنى مېنىڭ نامىمدا قوغلاپ چىقىرىۋېتىپ: ‹پەرۋەردىگار ئۆز شان-شەرىپىنى كۆرسىتىپ باقسۇنچۇ! بىز سىلەرنىڭ قانچىلىك خۇشال بولىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ باقايلى!› دېيىشىدۇ. لېكىن ئاخىرى ئۆزلىرى نومۇستا قالىدۇ.


پەيغەمبەرلىك يولۇڭلاردا ماڭماڭلار! ۋەھىي يەتكۈزۈشنى توختىتىڭلار! خۇدايىڭلارنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى سۆزلەشتىن توختاڭلار!› دەيدۇ.»


يىھۇدى يازمىنىڭ بىرنەچچە قۇرىنى ئوقۇشى بىلەنلا، پادىشاھ ئوقۇلغان قۇرلارنى پىچاق بىلەن كېسىۋېلىپ، ئوچاقتىكى ئوتقا تاشلىۋەتتى. ئۇ پۈتۈن يازمىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ تۈگەتكۈچە، شۇنداق قىلدى.


ئۇ چاغدا ئۇلار: «بىز پەرۋەردىگارغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭ پادىشاھىمىز يوق. پادىشاھىمىز بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ بىزگە نېمە قىلىپ بېرەتتى؟» دەيدۇ.


سىلەر گەپ-سۆزۈڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنى بىزار قىلدىڭلار. لېكىن سىلەر: «بىز قانداق بىزار قىپتۇق؟» دەپ سورايسىلەر. سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلغۇچىلارمۇ ياخشىدۇر، يەنە كېلىپ پەرۋەردىگار ئۇلاردىن خۇرسەندۇر» دەيسىلەر. يەنە سىلەر: «قېنى ئادىل خۇدا؟» دەپ بىلجىرلايسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite