Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 5:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 قاق سەھەردە تۇرۇپ، ئاچچىق بوزىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ، كېچىچە مەي ئىچىپ غەرق مەست بولغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

Gade chapit la Kopi




يەشايا 5:11
21 Referans Kwoze  

ئەيش-ئىشرەت ۋە شارابخورلۇققا، زىنا ۋە بۇزۇقچىلىق، ئۇرۇشقاقلىق ۋە ھەسەتخورلۇققا بېرىلمەڭلار. يورۇقلۇقتىكى كىشىلەردەك پاك ھايات كەچۈرۈڭلار.


ھاراق ئىچىشتە باتۇرلۇق قىلغانلارنىڭ، ھاراقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشتە نوچىلىق قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!


شاراب مەسخىرىچى، ھاراق جېدەل-ماجىراچى، ئەقىلسىزدۇر ھەربىر ھاراق-شاراب ئىچىپ ئازغۇچى.


ھەسەتخورلۇق، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت قاتارلىق گۇناھلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇرۇنقىدەك يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق.


ئوغرىلار، ئاچكۆزلەر، ھاراقكەشلەر، تۆھمەتخورلار ۋە ئالدامچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق.


- ھوشيار بولۇڭلار! ئۆزۈڭلارنى ئەيش-ئىشرەت ۋە تۇرمۇشنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشتۇرماڭلار. قىيامەت كۈنى سىلەرگە گويا توساتتىن بېشىڭلارغا تاشلانغان توردەك كەلمىسۇن.


شىمالىي پادىشاھلىق ھاراقكەشلىرىنىڭ شەرەپلىك تاج-تەختى بولغان مەغرۇر شەھەر سامارىيەنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ مۇنبەت ساينىڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان شەھەر ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى گۈلگە ئوخشاش خازان بولىدۇ. بۇ خەلقنىڭ مەغرۇرلۇقى شاراب بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قوشنا ئەللەرگە شاراب ئىچكۈزگەنلەر! سىلەر ئۇلارنىڭ يالىڭاچ ھالىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا تۇلۇملاپ شاراب ئىچكۈزدۈڭلار.


ئاخىرىدا ئۇ سېنى يىلاندەك چېقىۋالار، زەھەرلىك يىلاندەك نەشتىرىنى سانجار.


ئابىگال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، نابال ئۆيىدە خۇددى پادىشاھتەك كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، ئۇ خۇشال ۋەمەست ئىدى. شۇڭا ئابىگال ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېمىدى.


مەن 80 ياشقا كىردىم، مەن ئۈچۈن ھازىر جاپا بىلەن راھەتنىڭ پەرقى يوق. يەپ-ئىچكەننىڭ تەمىنى سېزەلمەيمەن، ئەر-ئايال ناخشىچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايمەن. شۇنداق ئىكەن، مەن يەنە نېمىدەپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا يۈك بولاي؟


ئويلاپ كۆرۈڭلار! لېكىن سىلەر شاد-خۇرام ھالدا تاماشا قىلىپ يۈردىڭلار، كالا-قويلارنى سويۇپ، ئېسىل تائاملارنى يەپ، شارابلارنى ئىچىپ يۈردىڭلار! سىلەر شۇنداق دېگەن: «يەيلى، ئىچەيلى، ئەتە بەرىبىر ئۆلىمىز!»


ئۇلار ئەمدى ناخشا ئېيتىپ، شاراب ئىچەلمەيدۇ. مەي ئىچكۈچىلەرگە مەي لاۋزا تېتىيدۇ.


شىمالىي پادىشاھلىق ھاراقكەشلىرىنىڭ شەرەپلىك تاج-تەختى بولغان مەغرۇر شەھەر سامارىيە دۈشمەنلىرىنىڭ ئايىغى ئاستىدا چەيلىنىدۇ.


ئۇلار: «كېلىڭلار، مەن ھاراق ئەكېلەي، قانغۇچە ھاراق ئىچەيلى، ئەتىمۇ بۈگۈنكىگە ئوخشاش بولىدۇ، ھەتتا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دەيدۇ.


شاراب ئادەم ئالدايدۇ. ھاكاۋۇر ئادەم ھېچقاچان جىم تۇرمايدۇ. ئۇ خۇددى جەسەتكە تويماس گۆردەك ياكى ئۆلۈكلەر ماكانىدەك ئاچ كۆزدۇر. ئۇ بارلىق ئەللەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، خەلقلەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite