1 مەن سىلەرگە بىر مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتىپ بېرەي، بۇ ناخشا دوستۇمنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ھەققىدىدۇر: «دوستۇمنىڭ بار ئىدى ئۈزۈمزارلىقى، ئۇنىڭ يېرى مۇنبەت ئېدىرلىقتا ئىدى،
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى: - بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. مۇسەللەس ئىشلەش ئۈچۈن ئۈزۈمزارلىققا بىر كۆلچەك قازدۇرۇپتۇ ۋە بىر كۆزەتخانا ياسىتىپتۇ. كېيىن، ئۈزۈمزارلىقنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ.
ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلارغا بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئۇنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ ۋە ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپتۇ.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - ھەقىقىي «ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، ئاتام خۇدا بولسا باغۋەندۇر.
- يەنە بىر تەمسىل ئاڭلاڭلار: بىر يەر ئىگىسى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. مۇسەللەس ئىشلەش ئۈچۈن ئۈزۈمزارلىققا بىر كۆلچەك قازدۇرۇپتۇ ۋە بىر كۆزەتخانا ياسىتىپتۇ. كېيىن، ئۈزۈمزارلىقنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ.
مەن سىلەرنى ئەلا كۆچەتتەك تىككەنىدىم، سىلەر ئەڭ ياخشى ئۇرۇقتىن ئۆسكەنىدىڭلار. نېمە ئۈچۈن سىلەر ھېچنېمىگە يارىمايدىغان ياۋا ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭلار؟
مىسىردىن ئېلىپ كەلدىڭ بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى، يات ئەللەرنى قوغلاپ ئۆزۈڭ تىكتىڭ ئۇنى.
ئاشىقىم مەنسۇپتۇر ماڭا، مەنمۇ ئۇنىڭغا، ئۇ ھۇزۇرلىنار قىزىلگۈللەر ئارىسىدا.
مەنسۇپتۇرمەن ئاشىقىمغا، ئۇمۇ ماڭا، ھۇزۇرلىنار ئۇ قىزىلگۈللەر ئارىسىدا.
ئۇنىڭ ئېغىزى بەكمۇ شېرىن، ھەر جەھەتتىن مەپتۇن قىلار ئادەمنى. ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، بۇ مېنىڭ قەدىرلىكىم، بىلىپ قېلىڭلار ھەمراھىمنى.
ئۇيقۇدا ئىدىم، لېكىن ئويغاق ئىدى كۆڭلۈم، چۈشۈمدە ئاڭلىدىم سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازىنى، مانا، ئۇ قاقتى ئىشىكنى! ئىشىكنى ئاچ سىڭلىم _ ئامرىقىم، ئېھ مېنىڭ غۇبارسىز كەپتىرىم. شەبنەم چۈشۈپ بېشىمغا، كېچىدە ھۆل بولدى چېچىم.
گۈزەل بىر ئىش ھاياجانغا سالغاچ مېنىڭ قەلبىمنى، ئوقۇماقتىمەن پادىشاھقا ئاتاپ يازغان شېئىرىمنى، تىلىم سۆزگە ماھىردۇر گويا بىر شائىر كەبى.
كۈيلەيمەن مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە ئادالىتىڭنى، ئى پەرۋەردىگار كۈيلىرىمگە قاتىمەن سېنى.
ئوڭ قولۇڭدا قۇتقۇز بىزنى قىلىپ بىزگە ئىجابەت، ئۆزۈڭ سۆيگەن بەندىلىرىڭ تاپسۇن شۇندا نىجات.
نۇرغۇن يات ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى مېنىڭ ئۈزۈمزارلىقىمنى ۋەيران قىلدى، زېمىنىمنى دەپسەندە قىلدى. ئۇلار مېنىڭ گۈزەل زېمىنىمنى قاقاس چۆللەرگە ئايلاندۇردى.
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئۈزۈم تېلىنىڭ باشقا ياغاچلاردىن پەرقى بارمۇ؟ ئورماندىكى دەرەخلەردىن بىرەر ئەۋزەللىكى بارمۇ؟!
ئىسرائىلىيە بۈك-باراقسان ئۈزۈمزارلىق ئىدى. ئۈزۈمدىن شۇنچە كۆپ ھوسۇل ئالاتتى. ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۈزۈمدىن قانچە كۆپ ھوسۇل ئالغانچە، بۇتلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدى. يېرىدىن چىققان مەھسۇلاتلىرى قانچە مول بولغانسېرى، ئۇلار بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى شۇنچە بېزىدى.
چۈنكى ئۇ سىلەرنى گۈزەل بىر زېمىنغا باشلاپ بارىدۇ. ئۇ يەردە جىلغا ۋە تۆپىلىكلەرنى سۇغۇرىدىغان ئېرىق-ئۆستەڭلەر، بۇلاقلار ۋە ئېقىن سۇلار بار.
يەڭلار، تويغىنىڭلاردىن كېيىن، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار. چۈنكى ئۇ ئاشۇ گۈزەل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلدى.
ئاناڭ ئۈزۈمزارلىقتىكى ئۈزۈم تېلىغا ئوخشار، ئۈزۈم تېلى تىكىلگەچ سۇ بويىغا، مېۋىسى مول، ياپراق، شاخلىرى قويۇق ئىدى، چۈنكى ئۇ ئىدى مول سۇ بويىدا.