يەشايا 49:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى26 مەن ساڭا زۇلۇم سالغانلارغا ئۆز گۆشىنى ئۆزىگە يېگۈزىمەن، ئۇلارنىڭ ئۆز قېنىنى ئۆزىگە ئىچۈرۈپ، خۇددى شاراب ئىچكەندەك مەست قىلىۋېتىمەن. ئەنە شۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ، قوغدىغۇچىڭ ئىكەنلىكىمنى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ.» Gade chapit la |
ئەللەر تەرىپىدىن نەپرەتلىنىپ رەت قىلىنغان، ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان خىزمەتكارىغا پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى قوغدايدىغان، ئۇلارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سېنى كۆرۈپ شاھلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ھۆكۈمدارلار ئالدىڭدا تىزلىنىپ، ساڭا تەزىم قىلىدۇ. چۈنكى سېنى تاللىغان پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا ئىشەنچلىكتۇر.»