24 باتۇرنىڭ قولىدىكى ئولجىنى كىممۇ تارتىپ ئالالىسۇن؟ زالىمنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئەسىر قانداقمۇ قۇتۇلۇپ چىقالسۇن؟
بىر كىشى كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مېلىنى قانداق بۇلاپ كېتەلىسۇن؟ پەقەت شۇ كۈچتۈڭگۈر ئادەمنى باغلىيالىغانلارلا ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ.
پەرۋەردىگار مەندىن: _ ئەي ئادەم بالىسى، بۇ ئۇستىخانلارنىڭ تىرىلىشى مۇمكىنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، بۇنى پەقەت سەنلا بىلىسەن، _ دېدىم.
ئەمما بۇ بويسۇنماس خەلق تالان-تاراج قىلىنىدۇ، تۇزاقلارغا چۈشىدۇ، زىندانلارغا قامىلىدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قوغدىمىغانلىقتىن ئۇلار ئولجا بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئولجىلارنى «قويۇپ بەر!» دەيدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ.
بېشىمىزغا كەلگەن ھەممە ئىشلار بىزنىڭ رەزىللىكىمىز ۋە سەۋەنلىكلىرىمىزدىن بولدى. شۇنداقتىمۇ، ئى خۇدايىمىز، گۇناھىمىزغا لايىق جازا بەرمىدىڭ، بىر قىسىمىمىزنى يەنىلا ئامان قالدۇردۇڭ.
بىز قۇل بولساقمۇ، سەن بىزنى تاشلاپ قويمىدىڭ. سەن بىزگە پېرسىيە پادىشاھلىرىنىڭ كۆز ئالدىڭدا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، يېڭى ھاياتلىق بەردىڭ. ئىبادەتخاناڭنى قايتىدىن سېلىشقا ھەمدە خارابىلىكلەرنى تۈزەشكە ئىمكانىيەت بەردىڭ. سەن بىزگە يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا سېپىل بولدۇڭ.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقى بۇ ئۇستىخانلارغا ئوخشايدۇ. ھازىر ئىسرائىللار: «ئۇستىخانلىرىمىز قۇرۇپ، ئۈمىدىمىز ئۆچۈپ، پۈتۈنلەي تۈگەشتۇق» دېيىشىدۇ.
مەن ئۇنىڭغا ئۇلۇغلار قاتارىدىن ئورۇن بېرىمەن، ئۇ كۈچلۈكلەر بىلەن ئولجىنى تەڭ بۆلۈشىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز ھاياتىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىپ، گۇناھكارلار قاتارىدا سانالدى. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.»
گۇناھىمىز ۋەجىدىن بۇ تۇپراقنىڭ مول مەھسۇلاتلىرى سەن ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا قويغان پادىشاھلارغا مەنسۇپ بولدى. ئۇلار بىزنى ۋە مال-ۋارانلىرىمىزنى خالىغىنىچە باشقۇرۇۋاتىدۇ. بىز جەبىر-زۇلۇم ئىچىدە قالدۇق!»
سەن بىزنى ھەق جازالىدىڭ. سەن ئىشەنچلىكسەن، لېكىن بىز رەزىللىك قىلدۇق.
ھېچكىم كۈچتۈڭگۈر ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مېلىنى بۇلاپ كېتەلمەيدۇ. پەقەت شۇ كۈچتۈڭگۈر ئادەمنى باغلىيالىغانلارلا ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ.
ئۇلار شىردەك ھۆركىرەيدۇ، غالجىر شىردەك ھۇۋلايدۇ. ئۇلار ھۆركىرەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئېتىلىدۇ، ئۇنى ئېلىپ ماڭغاندا، ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزالمايدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلاپ تۇر، ئەي نىنەۋى، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن! جەڭ ھارۋىلىرىڭنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن، ياش ئارسلانلىرىڭ قىلىچتا ھالاك بولىدۇ، مەن ئەمدى يەر يۈزىدە ساڭا ئولجا قالدۇرمايمەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئەلچىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى ئۆچىدۇ.»