Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 49:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 شۇ چاغدا سەن كۆڭلۈڭدە شۇنداق ئويلايسەن: ‹ئۇلارنى كىم ماڭا تۇغۇپ بەردى؟ مېنىڭ بالىلىرىم ئۆلتۈرۈلگەن، مەن تۇغماس بولۇپ قالغانىدىم، مەن سىرتلاردا سەرسان بولۇپ، خار بولۇپ يۈرگەنىدىم، ئۇلارنى كىم ماڭا بېقىپ چوڭ قىلىپ بەردى؟ مەن يالغۇز قالغان ئىدىمغۇ، ئۇلار قەيەرلەردىن كېلىپ قالدى؟›»

Gade chapit la Kopi




يەشايا 49:21
21 Referans Kwoze  

دېمەك، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولىسىلەر ۋە ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەخت-سائادەتكە ئېرىشىسىلەر.


يەھۇدىي ئەمەس سىلەر ياۋا زەيتۇن دەرىخىدىن كېسىپ ئېلىنىپ، قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا تۈجۈپىلەپ ئۆستۈرۈلگەن زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغان يەردە، ئەسلىدىكى شاخلارنىڭ ئۆز دەرىخىگە ئۇلىنىشى تېخىمۇ ئاسان ئەمەسمۇ؟


شەھەرلىرىڭ باياۋانغا ئايلاندى، سىئون چۆللەشتى، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلاندى.


سەن ئەمدى «تاشلاندۇق» ئەمەس، يېرىڭمۇ «خارابىلىق» دەپ ئاتالمايدۇ، سەن «مېنىڭ خۇشاللىقىم» دەپ ئاتىلىسەن، يېرىڭ «تۇرمۇشقا چىققان» دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار سەندىن خۇشال بولۇپ، يېرىڭنى ياتلىق قىلىدۇ.


گەرچە سەن بۇرۇن تاشلىۋېتىلگەن، نەپرەتكە ئۇچرىغان، ھەتتا زېمىنىڭدىن ھېچكىم ئۆتمەيدىغان جاي بولساڭمۇ، لېكىن مەن سېنى مەڭگۈلۈك شان-شۆھرەتكە، ئەۋلادمۇئەۋلاد خۇشاللىققا ئىگە قىلىمەن.


ئەي يېرۇسالېم، ئۈستبېشىڭدىكى چاڭ-توزاننى قېقىۋەتكىن. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۆزۈڭنىڭ تەختىگە بېرىپ ئولتۇرغىن. ئەي ئەسىرلىكتە قالغان سىئون خەلقى، بوينۇڭدىكى زەنجىرنى ئۈزۈپ تاشلىغىن.


خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىنىدۇ. يۈز-ئابرۇيلۇقلار ۋە پۇقرالار ئاچلىقتىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ھالاك بولىدۇ.


سىئون دەرۋازىلىرى نالە قىلىپ ھازا تۇتىدۇ، بۇ شەھەر توپا يەردە غېرىبسىنىپ يالغۇز ئولتۇرغان ئايالغا ئوخشاپ قالىدۇ.


غېرىبانە سىئون يالغۇز قالدى، ئۇ ئۈزۈمزارلىقتىكى يېگانە چەللىگە، قوغۇنلۇقتىكى ئەسكى كەپىگە ۋە مۇھاسىرىگە ئېلىنغان شەھەرگە ئوخشاش يالغۇز قالدى.


قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ، چەت دۆلەتلەرگە ھەيدىلىدۇ. خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتى توشقۇچە، ئۇلار يېرۇسالېمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ.


سۈرگۈندىن كېيىن مۇستەھكەم شەھەر ئادەمسىز قالىدۇ، پۇقرالىرى شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كېتىپ، شەھەر چۆلدەرەپ قالىدۇ. ئۇ شەھەر قاقاسلىققا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ يەردە كالىلار ئوتلاپ، ئارام ئېلىپ، شاخ-شۇمبىلارنى يەپ يۈرىدۇ.


چۈنكى ئۇلار ئۆز ئەۋلادلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرسە، مېنىڭ نامىمغا ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ. ئۇلار، ياقۇپنى تاللىغان مەن مۇقەددەس خۇداغا ھۆرمەت ياغدۇرىدۇ. ئۇلار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مەن خۇدانى چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىدۇ.


بۇلۇتتەك لەيلەپ كېلىۋاتقان، كەپتەردەك ئۇۋىسىغا قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقان كىم؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite