يەشايا 49:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى18 سەن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، تۆت ئەتراپىڭغا قاراپ باققىن، ھەممە ئوغۇل-قىزلىرىڭ كېلىپ ئەتراپىڭغا توپلانماقتا.» پەرۋەردىگارىم يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەنكى _ مەڭگۈ ھايات خۇدا شۇنداق قەسەم قىلمەنكى، بۇ ئوغۇل-قىزلىرىڭ خۇددى زىبۇ-زىننەتلەردەك سېنى ھەر جەھەتتىن بېزەيدۇ، ئۇلار سېنى خۇددى يېڭى كېلىنچەكتەك گۈزەل تۈسكە كىرگۈزىدۇ. Gade chapit la |
ئۇلار قېرىندىشىڭلارنى ماڭا ھەدىيە سۈپىتىدە ئۇ يەرلەردىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. خۇددى ئىسرائىلىيەلىكلەر پاكىز قاچىلاردا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئاشلىق ھەدىيەسى ئېلىپ كەلگەندەك، ئۇلار ئات مىنىپ، بەزىلىرى ھارۋىغا ئولتۇرۇپ، بەزىلىرى لەمپىلىك ھارۋىلارغا چىقىپ، بەزىلىرى قېچىرغا مىنىپ، بەزىلىرى تۆگىگە مىنىپ مېنىڭ مۇقەددەس تېغىم يېرۇسالېمغا ماڭا ھەدىيە بولۇپ كېلىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا شەھەردىن كېلىۋاتقانلارنى كۆزدە تۇتۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - سىلەر: «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي بار» دەيسىلەر. ئەمما سىلەرگە ئېيتىمەنكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولغاندەك، بۇ كىشىلەرمۇ ئېتىقاد قىلىشقا تەييار بولدى!