17 سېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭ پات ئارىدا قايتىپ كېلىدۇ، سېنى ۋەيران قىلىپ يوقاتماقچى بولغانلار كېتىدۇ.
ياش يىگىت يېڭى كېلىن بىلەن توي قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىغاندەك، سېنىڭ خەلقىڭمۇ يېرىڭدە ياشايدۇ. يېڭى توي قىلغان يىگىت توي قىلغان قىزىدىن قانداق خۇشال بولغان بولسا، سېنىڭ خۇدايىڭمۇ سەندىن شۇنداق خۇشال بولىدۇ.
ئەجەبا، كەڭ ئاسماننى يېيىپ، زېمىن ئۇلىنى سالغان، ياراتقۇچى مەن پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ سىلەرنى يوقاتماقچى بولغان زالىملارنىڭ غەزىپىدىن، ھەر ۋاقىت قورقۇپ، ھولۇقۇپلا يۈرەمسىلەر؟ قېنى ئەمدى ئۇ زالىملارنىڭ غەزىپى؟
ئىسرائىللارنى كەمسىتكەن قوشنا ئەللەر ئەمدى ئۇلارغا تىكەن ۋە ئازغانلاردەك سانجىلىيالمايدۇ، شۇندىلا كىشىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.
بۇزۇۋېتىلگەن، چۆلدەرەپ كەتكەن، ۋەيران قىلىۋېتىلگەن زېمىنلىرىڭ، ئەمدى پۇقرالىرىڭنىڭ ياشىشىغا تارلىق قىلىدۇ. سېنى يوقاتماقچى بولغانلار ئەمدى سەندىن يىراقلىشىدۇ.
مەن ئاسسۇرلارنى ئىتائەتسىز خەلقنى جازالاشقا ئەۋەتىمەن، مېنى غەزەپلەندۈرگەن بۇ ئىسرائىل خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيمەن. ئاسسۇرلار ئۇلارنى بۇلاپ، مال-مۈلۈكىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقنى پېتىقلىغاندەك پېتىقلايدۇ.
بىراق ھازىر مەن ئۇلارغا: _ بىزنىڭ ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىمىزدىن سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار بار. چۈنكى يېرۇسالېم خارابلىقتا، شەھەر دەرۋازىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرماقتا. يېرۇسالېم سېپىلىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىپ، خورلۇققا خاتىمە بېرەيلى! _ دېدىم.
شۇنىڭدىن كېيىن، يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكى جەمەت باشلىقلىرى، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خۇدا دىللىرىغا سالغان ئىشنى ئورۇنداش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا سېلىشقا تەييارلاندى.
چۈنكى بىزنى سۈرگۈن قىلغانلار ناخشا تەلەپ قىلاتتى بىزدىن، كۆڭۈللىرىنى ئېچىشقا. جېنىمىزنى قىينىغانلار كۈلۈپ تۇرۇپ دەيتتى بىزگە: «ئېيتىپ بەر سىئوننىڭ مۇناجاتلىرىدىن.»
ئى پەرۋەردىگار، ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ نۇرغۇن ئەللەر ۋە زېمىنلارنى ۋەيران قىلغىنى راست.
سەندە ياشايدىغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ سانىنى كۆپەيتىمەن. خاراب بولغان شەھەرلەر قايتىدىن قۇرۇلىدۇ، شەھەرلەردە ئادەم ياشايدۇ.
ئەي يېرۇسالېم، تۆت ئەتراپىڭغا باق، خەلقلەر يېنىڭغا كېلىپ يىغىلىۋاتىدۇ. ئوغۇللىرىڭ يىراقتىن كېلىدۇ، كىچىك قىزلىرىڭمۇ قوللاردا كۆتۈرۈپ كېلىنىدۇ.