Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 49:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 قارا، مەن سېنىڭ نامىڭنى ئالىقىنىمغا يېزىۋالدىم، سېنىڭ شەھەر سېپىللىرىڭ ھەر ۋاقىت مېنىڭ كۆز ئالدىمدا.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 49:16
12 Referans Kwoze  

مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، بۇ ئىشلار يۈز بەرگەن كۈنى مەن سېنى، يەنى شىئالتېلنىڭ ئوغلى بولغان خىزمەتكارىم زىرۇببابەلنى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈم قىلىمەن. چۈنكى مەن سېنى تاللىدىم! بۇ مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»


ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنىڭ شەھەر سېپىلىڭنىڭ ئۈستىگە قاراۋۇللار قويدۇم. ئۇلار كېچە-كۈندۈز توختىماستىن دۇئا قىلىدۇ. ئەي پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىدىغانلار، ئارام ئالماڭلار،


زېمىنىڭ ئەمدى قەبىھ ئىشلاردىن خەۋەر تاپمايدۇ، چېگرايىڭ ئىچىدە ئەمدى بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق غوۋغالىرى ئاڭلانمايدۇ. تاملىرىڭنى «نىجاتلىق»، دەرۋازىلىرىڭنى «مەدھىيە» دەپ ئاتايسەن.


قولۇڭدىكى مۆھۈر ئۈزۈكتەك، مۆھۈرلىۋال مېنى قەلبىڭگە. مۇھەببەت كۈچلۈكتۇر ئۆلۈمدەك، ئىشق مۇستەھكەمدۇر لەھەتتەك. سۆيگۈنىڭ ئۇچقۇنلىرى كۆيدۈرەر ئوتتەك، قۇدرەتلىك يالقۇندەك.


شۇ كۈنى يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بارلىق خەلق بۇ ناخشىنى ئېيتىدۇ: بىزنىڭ شەھىرىمىز مۇستەھكەم! خۇدا خۇددى سېپىل ۋە سېپىل مۇنارلىرىغا ئوخشاش بىزنى قۇتقۇزىدۇ.


ھېيت خۇددى قولۇڭلار ياكى پېشانەڭلاردىكى بەلگىدەك سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىنى ھەمىشە ئېغىزىڭلاردىن چۈشۈرمەسلىكىڭلارنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.


سېنىڭ راۋاقلىرىڭنى قىزىل ياقۇتلاردىن ياساپ چىقىمەن، شەھەر دەرۋازىلىرىڭنى گۆھەرلەردىن ياسايمەن، شەھەر سېپىللىرىڭنى پارقىراق ئېسىل تاشلاردىن قوپۇرۇپ چىقىمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يىھوياكىن، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، گەرچە سەن مېنىڭ ئوڭ قولۇمدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك بولساڭمۇ، لېكىن مەن سېنى قولۇمدىن ئېلىپ تاشلايمەن.


ھەم ئۇنىمۇ ئارام ئالدۇرماڭلار، تاكى ئۇ يېرۇسالېمنى قۇرۇپ بولغۇچە ئارام ئالمىسۇن، يېرۇسالېمنى زېمىندىكى ئىنسانلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر قىلسۇن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئى يەھۇدىيە خەلقى، گۇناھلىرىڭلار تۆمۈر قەلەم بىلەن تاش يۈرىكىڭلارغا، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭلارنىڭ بۇرجەكلىرىگە ئويۇپ يېزىلغاندۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite