Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 49:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 لېكىن سىئون: «پەرۋەردىگار مېنى تاشلاپ كەتتى، ئىگەم مېنى ئۇنتۇدى» دەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 49:14
14 Referans Kwoze  

ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى! سىلەر نېمە ئۈچۈن «پەرۋەردىگار بىزنىڭ مۇشەققەتلىرىمىزنى كۆرمەيۋاتىدۇ» دەپ ئويلايسىلەر؟ ئەي ئىسرائىللار! سىلەر نېمە ئۈچۈن «پەرۋەردىگار بىزگە ئادىل بولمىدى» دەيسىلەر؟


نىچۈن تامام ئۇنتۇدۇڭ بىزنى، نىچۈن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت تاشلىدىڭ بىزنى؟


سىلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇيمەن. سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ شەھەرنى سىلەر بىلەن قوشۇپ، كۆز ئالدىمدىن يوق قىلىمەن.


دەككە-دۈككىدە دېگەنىدىم: «نەزىرىڭدىن مەھرۇم بولدۇم.» لېكىن ساڭا نالە قىلىپ يىغلىغىنىمدا، قۇلاق سالدىڭ پەريادىمغا.


ئاھ خۇدايىم، خۇدايىم تاشلىۋەتتىڭ نېچۈن مېنى؟ قۇتقۇزماستىن، نېچۈن يىراق تاشلاپ كەتتىڭ مېنى؟ ئاڭلىمايسەن نېچۈن مېنىڭ نالە-پەريادىمنى.


ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتارسەنمۇ مەڭگۈ مېنى؟ يوشۇرارسەن قاچانغىچە مەندىن يۈزۈڭنى؟


تەنتەنە قىلغىن، ئەي كەڭ ئاسمان! خۇرسەنلىككە تولغىن، ئەي يەر-زېمىن! ياڭراتقىن كۈيلىرىڭنى، ئەي تاغلار! چۈنكى پەرۋەردىگار خەلقىگە تەسەللى بېرىدۇ. ئېزىلگەن خەلقىگە رەھىمدىللىكىنى كۆرسىتىدۇ.


پەرۋەردىگارىم مۇنداق دەيدۇ: «ئانا قانداقمۇ ئېمىۋاتقان بالىسىنى ئۇنتۇپ قالسۇن؟ ئۆزى تۇغقان بالىسىغا قانداقمۇ رەھىمدىللىك كۆرسەتمىسۇن؟ ئانا ئۆزى تۇغقان بالىسىنى ئۇنتۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، مەن سېنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن.


سەن خۇددى ئېرى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىپ ئازابلانغان ئايالغا ئوخشايسەن، سەن خۇددى ياش ۋاقتىڭدىلا تاشلىۋېتىلگەن ئايالغا ئوخشايسەن، مەن پەرۋەردىگارىڭ سېنى چاقىرتىپ كېلىمەن. مانا بۇ مەن خۇدايىڭنىڭ سۆزلىرىدۇر.


_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيت: «سىلەر: ‹بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلىرىمىز يەلكىمىزدىدۇر. بىز بارغانسېرى ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتىمىز، قانداقمۇ ھايات كەچۈرەلەيمىز؟› دەيسىلەر.»


ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى، مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئايان بولۇپ، ئۇلارغا: ‹مەن سىلەرنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم بىلەن سۆيىمەن، سىلەرنى مېھىر-شەپقىتىم بىلەن ماڭا يېقىنلاشتۇرىمەن› دېگەنىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite