Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 49:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 تەنتەنە قىلغىن، ئەي كەڭ ئاسمان! خۇرسەنلىككە تولغىن، ئەي يەر-زېمىن! ياڭراتقىن كۈيلىرىڭنى، ئەي تاغلار! چۈنكى پەرۋەردىگار خەلقىگە تەسەللى بېرىدۇ. ئېزىلگەن خەلقىگە رەھىمدىللىكىنى كۆرسىتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 49:13
32 Referans Kwoze  

ئەي ئەرشئەلا، شادلىنىپ ناخشا ئوقۇڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ناھايىتى ئاجايىپ بىر ئىش قىلدى. ئەي يەر-زېمىن، شادلىق سادالىرىنى ياڭرىتىڭلار! تاغ چوققىلىرى، ئورمانلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق دەرەخلەر، ھەممىڭلار نەغمە-ناۋا قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆزىگە قايتۇردى، ئۇ ئىسرائىلىيەدە ئۇلۇغلىنىدۇ.


مانا مەن پەرۋەردىگار سىئونغا تەسەللى بېرىمەن، ئۇنىڭ خارابىلىرىگە تەسەللى بېرىمەن. ھەمدە سىئوننىڭ بارلىق خارابىلىكلىرىنى ئېرەم باغقا ئايلاندۇرىمەن. ئۇنىڭ چۆللۈكلىرىنى مېنىڭ بېغىمغا ئايلاندۇرىمەن. ئۇ يەردە شادلىق ھەم خۇشاللىق بولىدۇ. شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانالارنىڭ ساداسى ياڭرايدۇ.


ئەي يېرۇسالېمنىڭ خارابىلىرى، سىلەر ھەممىڭلار خۇشاللىق ئىچىدە تەنتەنە قىلىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بېرىدۇ، يېرۇسالېمنى قوغدايدۇ.


سىلەر شاد-خۇراملىق بىلەن يولغا چىقىپ، ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە يېتەكلىنىسىلەر. ئالدىڭلاردىكى تاغ-داۋانلار سىلەر ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشىدۇ، دالىلاردىكى دەل-دەرەخلەرمۇ سىلەرگە چاۋاك چالىدۇ.


شۇ چاغدا يېرۇسالېم خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «شۈكۈر ئېيتىمەن ساڭا پەرۋەردىگار، گەرچە سەن ماڭا غەزەپلەنگەن بولساڭمۇ، يېنىپ ھازىر سەن غەزىپىڭدىن، بەردىڭ ماڭا تەسەللى.


لېكىن روھى چۈشكەنلەرگە تەسەللى بېرىدىغان خۇدا تىتۇسنى يېنىمىزغا ئەۋەتىش ئارقىلىق بىزگە تەسەللى بەردى.


مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ھەربىر گۇناھكارنىڭ توۋا قىلغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ۋاقىتتا قىزلار خۇشاللىقتىن ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. يىگىتلەر ۋە بوۋايلار شادلىققا چۆمىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىنى شادلىققا ئايلاندۇرىمەن، ئازابلىرىنىڭ ئورنىغا تەسەللى ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىمەن.


شادلانسۇن يەر-جاھان، خۇش بولسۇن ئاسمانلار، ئېيتىشسۇن ئەللەر ئارا: «پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر.»


مەدھىيەلىسۇن ئاسمان-زېمىن خۇدانى، مەدھىيەلىسۇن دېڭىز-ئوكيان، جانىۋارلار ھەم ئۇنى.


تېخىمۇ بەك ئۈستۈن قىلىسەن ھۆرمىتىمنى، يېنىمغا كېلىپ ماڭا بېرىسەن تەسەللى.


مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي تاغ ۋە تۆپىلىكلەر، كېدىر دەرەخلىرى يەنە مېۋىلىك دەرەخلەر.


پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئىسرائىللارنى قايتىدىن يەنە ئۆزىنىڭ خەلقى قىلىپ تاللايدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا باشقا خەلقلەر كېلىپ ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


سىلەر بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار، بابىللىقلارنىڭ قولىدىن قېچىپ كېتىڭلار. سىلەر بار ئاۋازىڭلار بىلەن تەنتەنە قىلىپ: «پەرۋەردىگار خىزمەتكارى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى قوغدىدى» دەپ، پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاڭلار!


لېكىن سىئون: «پەرۋەردىگار مېنى تاشلاپ كەتتى، ئىگەم مېنى ئۇنتۇدى» دەيدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن، پەقەت ۋە پەقەت مەنلا سىلەرگە تەسەللى بېرەلەيمەن. سىلەر كىمدىن قورقىسىلەر؟ ئۆلىدىغان ئادەمدىنمۇ؟ خۇددى ئوت-چۆپكە ئوخشاش سولىشىپ خازان بولىدىغان ئىنساندىنمۇ؟


مەن سېنى قىسقا ۋاقىت تاشلىۋەتتىم، لېكىن مەن قاتتىق ھېسداشلىقىم بىلەن سېنى قايتۇرۇپ كېلىمەن،


مەن بىر مەزگىل قاتتىق غەزەپكە كېلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈگەنىدىم. مەن ئەمدى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم بىلەن ساڭا ھېسداشلىق قىلىمەن. مانا بۇ، سېنى قوغدايدىغان، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


ئۇ ۋاقىتتا ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار بابىلنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىدۇ. چۈنكى شىمالدىن ۋەيران قىلغۇچىلار كېلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹مەن سېنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرغاندا، ھەممە ئادەم خۇشاللىققا چۆمىدۇ.


ئېكىن كەبى ياراشقان قويلار توپى ئوتلاققا، زىرائەت ۋە مايسىلار تولۇپ كەتكەن جىلغىغا. شۇڭا ئۇلار ناخشا ئېيتار ياڭرىتىپ شادلىقتا.


بىلىكىڭ قۇدرەتلىك، قولۇڭ كۈچلۈكتۇر، ئۈستۈن كۆتۈرۈلگەن ئوڭ قولۇڭ غالىبتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite