11 مەن تاغلارنى تۈزلەپ يول ئېچىپ، ئۇلارغا داغدام يول تەييارلايمەن.
خۇددى ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا بىر يول ئېچىلغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ قېپقالغان ئاز بىر قىسىم خەلقىگىمۇ ئاسسۇرىيەدىن بىر يول ئېچىلىدۇ.
چىقىڭلار! شەھەر دەرۋازىلىرىدىن چىقىڭلار! پۇقرالار ئۈچۈن يول ھازىرلاڭلار! سىلەر ياساڭلار، يول ياساڭلار! تاشلارنى ئېلىپ تاشلاڭلار! خەلق ئۈچۈن تۇغ تىكلەڭلار!
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يول ياساڭلار، ئۇنى قۇرۇپ، تەييارلاڭلار، خەلقىمنىڭ يولىدىكى ھەرقانداق توسالغۇنى ئېلىۋېتىڭلار!
قاراڭلار، مەن يېڭى بىر ئىش قىلماقچى. بۇ ئىش ئەمدىلا يۈز بېرىشكە باشلاندى، ئەجەبا سىلەر ھېس قىلمىدىڭلارمۇ؟ مەن چۆللۈكتە يول ياسايمەن، قۇملۇقتا دەريا ھاسىل قىلىمەن.
تاپقۇچە ئۇلار ماكانلاشقۇدەك بىر يەرنى، تۈز يولغا باشلىدى خۇدا ئۇلارنى.
بەزىلىرى كېزىپ ئادەم ئاياغ باسمىغان باياۋاننى، تاپالمىدى ئادەم ماكان تۇتقان ھېچبىر يەرنى.
شۇ چاغدا مىسىردىن ئاسسۇرىيەگە بىر يول ئېچىلىدۇ. ئاسسۇرلار مىسىرنى زىيارەت قىلىدۇ، مىسىرلىقلار ئاسسۇرىيەنى زىيارەت قىلىدۇ. مىسىرلىقلار بىلەن ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارغا بىرلىكتە ئىبادەت قىلىدۇ.
سىلەر ئۇ يەردىن ئالدىرىماي چىقساڭلارمۇ بولىدۇ، قېچىپ چىقىش تېخىمۇ ھاجەتسىز. چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭماقتا، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرنىڭ ئارقا تېرىكىڭلاردۇر.